تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە يەرلىك ياۋا كۆكتاتلارنىڭ بازىرى قىزىپ كەتتى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، جيۇدىڭ كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا بىر سودىگەر خېرىدارلارغا لازىملىق بېدىنى رەتلەپ قاچىلىماقتا.

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە بېدە ۋە پارنىكتا ئۆستۈرۈلىدىغان قۇملۇق غولپىيىزىنىڭ بازىرى قىزىپ كەتتى. بېدىنىڭ تەمىنلەش مىقدارى كۈنلۈكى تەخمىنەن ئۈچ توننىدىن بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئالتە يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

  مۇخبىر 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شەرقىي يېڭى دېموكراتىيە يولىدا بىر سودىگەرنىڭ ھەر كىلوگىرام قۇملۇق غولپىيىزىنى 30 يۈەندىن، بىر كىلوگىراملىق قىلىپ قاچىلىغان بېدىنىڭ بىر خالتىسىنى 10 يۈەندىن سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۇخبىرنىڭ ئالغا كوچىسىدىكى بىر كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىن ئىگىلىشىچە، قۇملۇق غوپىيىزىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 25 يۈەن، بېدىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 10 يۈەندىن سېتىلىدىكەن. دۇكاندارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇملۇق غولپىيىزىنىڭ مال كىرگۈزۈش مىقدارى ئاز ئىكەن، ئەمما بېدىدىن كۈنلۈكى 20 كىلوگىرامدىن 30 كىلوگىرامغىچە كىرگۈزىدىكەن. كىشىلەر بۇ ياۋا كۆكتاتلارنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان بولغاچقا بازىرى ئىتتىك ئىكەن.

  شىنجاڭ جيۇدىڭ خېڭشىن كۆكتات تىجارىتى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ بېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەن بولغاچقا بېدىنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى ئاۋۋالقى يىللارغا قارىغاندا بىر ئاز كېچىكىپ، چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە بازارغا سېلىنغان. بازارغا سېلىنىش ۋاقتى تاكى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولۇپ، ئېھتىياجنى تەمىنلەش مەزگىلى بىر ئاز قىسقا ئىكەن، باھا ئۆزگىرىشىدە ئانچە چوڭ پەرق بولمايدىكەن. بېدە ئاساسلىقى نەنسەن تېغىدىن كەلتۈرۈلىدىكەن، شۇنىڭدەك تۇرپاندىن ھەر كۈنى توشۇپ كېلىنگەن بېدىنىڭ مىقدارى ئۈچ توننىدىن ئاشمايدىكەن. بېدە باشقا كۆكتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا مىقدارى چەكلىك بولغاچ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى بەش يۈەندىن ئالتە يۈەنگىچە بولىدىكەن.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى باغۋەنچىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ خاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەسلىدە چارۋىچىلار ئۆستۈرىدىغان يەم-خەشەكلەرنىڭ بىر تۈرى ئىكەن. ئەمما يېڭى ئۆسكەن بېدىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى، تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن ئىكەن. بېدىنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈپ ئىستېمال قىلىش ۋاقتى بىر يىلدا پەقەت بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ياۋا كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بېدىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قۇملۇق غولپىيىزىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر ئاز ئىكەن. بازاردا سېتىلىۋاتقان قۇملۇق غولپىيىزى ئاساسلىقى سانجى ۋە فۇكاڭ قاتارلىق جايلاردا سۈنئىي ئۇسۇلدا پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئىكەن. ياۋا قۇملۇق غولپىيىزى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن 2000 مېتىرغىچە كېلىدىغان جايدا دائىرە بويىچە ئۆسىدىغان بولۇپ، يىلتىز سىستېمىسى قىشتىن چىقالايدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىخ چىقىرىپ خازان بولۇشىغىچە پەقەت بىر ئايلا ۋاقىت كېتىدىكەن. ياۋا قۇملۇق غولپىيىزى تېيىز تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدىغان بولۇپ، قېزىۋېلىنغاندىن كېيىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا ياۋا قۇملۇق غولپىيىزىنى خالىغانچە ئۈزۈش چەكلىنىدىكەن.

  ۋاڭ خاۋ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن قۇملۇق غولپىيىزى بىلەن ياۋا قۇملۇق غولپىيىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ساقلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇنىڭدەك ئۆسۈملۈك دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. 5-ۋە 6-ئايلاردا شىنجاڭدا ئۆسىدىغان يەرلىك ياۋا كۆكتاتلاردىن مامكاپ، ئەمەن ۋە سېمىز ئوت قاتارلىقلار بار.

  «جۇڭگو كۆكتات تېرىقچىلىق ئىلىمى» ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كىشىلەر ئىستېمال قىلسا بولىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرى 300 خىل ئەتراپىدا بولۇپ، ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان ياۋا كۆكتاتلاردىن 30~20 خىلى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى