تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ياپونىيە سۈيدۈكتىن پايدىلىنىپ راك كېسىلىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش باسقۇچىغا كىردى

ماتېرىيال سۈرەت

    خەلق تورى خەۋىرى. ياپونىيە NHK (ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئاپپاراتى، شۇنداقلا ياپونىيەدىكى بىردىنبىر جامائەت رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە خىتاچى ياساش ئورنى بىلەن ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي بۆلۈمى قارىمىقىدىكى شۆبە مەكتىپى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش-دەلىللەش سىنىقىنى باشلىغان، بۇ يەر شارى مىقياسىدا تۇنجى قېتىملىقى ئىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ياپونىيە خىتاچى ياساش ئورنى ئۈچ يىل ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ھازىرغا قەدەر بولغان تەتقىقاتىغا قارىغاندا، مەزكۇر شىركەت سۈيدۈك تەركىبىدىكى 2000 خىلدىن ئارتۇق مېتابولىزم ماددىسى ئىچىدىن راك سەۋەبىدىن كۆپەيگەن ۋە ئازايغان  نەچچە خىل ئالاھىدە مېتابولىزم ماددىسىنى بايقىغان. بۇ مېتابولىزم ماددىلىرىغا ئاساسەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن. سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئىنتايىن ئاسان، پەقەت سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بەرسىلا بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت 

    ھازىر سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بەرگۈچە بولغان ۋاقىت ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىرى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى كۆزىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى داۋاملىق سىناق قىلنىۋېتىپتۇ. ھازىر يەنە سۈيدۈك ئارقىلىق راك كېسەللىكىنى تەكشۈرىدىغان ئورۇنلارمۇ بار، سۈيدۈك ئارقىلىق تەكشۈرتۈشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنتايىن ئاددىي ھەم قولايلىق. بۇ خىل ئۇسۇلنى 2025-يىلىدىن ئىلگىرى ئىشلىتىش پىلانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى