تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە يۈگۈرۈپ بېرىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    فىرانسىيە «فىگارو خانىم» ژۇرنىلىغا بېسىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، ھەر قېتىم بىر سائەت يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۆمۈرنى يەتتە سائەت ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدىكەن. 3-ئاينىڭ ئاخىرى «يۈرەك قان تومۇر كېسىلى تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش» ناملىق ژۇرنالدا ئامېرىكا لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بەزىدە تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىدىغان، ئەمما دائىم يۈگۈرىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى يۈگۈرمەيدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئۈچ يىل ئۇزۇن بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنى ئىلگىرى 55 مىڭ ئادەمنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە تەتقىقاتچىلار كۈنىگە بەش مىنۇت يۈگۈرۈپ بەرسە ئۆمۈرنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرىكەت ئىقتىدارى ئىلمى دوكتورى، پىروفېسسور لى دېتېي مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئىلگىرى ئامما ۋە تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان: يول مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئوخشاش ئۈنۈمى بولامدۇ-يوق؟ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىققان ھەمدە ھەر خىل نەتىجىلەرنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن يۈگۈرۈشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. سۈرئىتىنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشى، ئارىلىقنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۈگۈرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %40 ئازىيىدىكەن. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇدا ئالتە ئاي يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغاندا، يەنى 40 يىلدا ھەپتىدە ئىككى سائەت يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئۆمۈرنى 3.2 يىل ئۇزارتقىلى بولىدىغان بولۇپ، پايدىسى يەتتە يىل بەدەل تۆلىگەندىنمۇ كۆپ بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    بىراق، لى دوكتور چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: پايدىسى چەكسىز ئاشىدىغان ئىش بولمايدۇ، ھەر يىلى ئۈچ قېتىم مارافونچە يۈگۈرۈپ قويسىڭىزلا ئۆمرىڭىز ئۇزىرايدىغان ئىش بولمايدۇ. لى دوكتور يەنە مۇنداق دېدى: ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمۇ دائىم يۈگۈرىدىغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مۇشۇنداق بولسىمۇ يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

 ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى