تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭدا 2018-يىللىق «ئوقۇمۇشلۇق تىيانشان» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى باشلاندى

ئوقۇغۇچىلار نومۇر كۆرسەتمەكتە.

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئوقۇمۇشلۇق تىيانشان» 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش تېلېۋىزىيەلىك مەخسۇس تېمىلىق كېچىلىك 4-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا سۈرەتكە ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن «ئوقۇمۇشلۇق تىيانشان» 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى.

  «ئوقۇمۇشلۇق تىيانشان» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى ھەرقايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرى مۇنەۋۋەر نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما پوكىيى مەخسۇس جازىسىنى تەسىس قىلىپ، مۇھىم ئوقۇشلۇق مۇندەرىجىسىنى تەۋسىيە قىلىش، سەييارە كىتاب سېتىشقا تەشكىللەش، شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ تىجارەت ۋاقىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى ئوقۇش ئۆيى، دېھقانلار ئوقۇش ئۆيى ئاساسىي تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش، دېكلاماتسىيە قىلىش، كىتاب ئوقۇش ۋە ماقالە توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

    «ئوقۇمۇشلۇق تىيانشان» 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش تېلېۋىزىيەلىك مەخسۇس تېمىلىق سەنئەت كېچىلىكى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە تۇنجى قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى