ماتېرىيال سۈرەت
گەرچە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ياخشى يېمەكلىك بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ خاتىرجەم يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. قۇرۇتۇلغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئادەتتە قاقلاش ۋە قورۇش ئارقىلىق تەمى تەڭشىلىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا ئېغىز ۋە كېكىردەكنى قۇرۇتىۋېتىدۇ، شۇڭا كېكىردەك ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، بولۇپمۇ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى ئاتا-ئانىسى ئېزىپ يېگۈزۈپ قويىشى، كېكىردىكىدە تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت
قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا يېمەكلىك تالاسى ۋە ياغ بولغاچقا «ئۈچەينى سېلىقلاش» رولى بار، شۇڭا ئىچى سۈرگەنلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، جىگەر، ئۆت ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەرمۇ يۇقىرى ياغلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت
يۇقىرى كىراخماللىق كاشتاننى زىيادە يېگەندە ماي ئاشقازاندا تۇرۇپ قېلىپ، قورساقنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا ئاشقازان، تال ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر ۋە چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىدىغانلار ئاز يېيىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىراخمال تۈرىدىكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، دىيابېتلار ئازراق يېيىشى كېرەك.
يەر ياڭىقىنىڭ قان پىلاستىنكىلىرى سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تالالىق ئاقسىلنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش رولى بولغاچقا، يۇقىرى يېپىشقاقلىق قان كېسىلى بىمارلىرى يەر ياڭىقى يېگەندە پوستىنى ئېلىۋېتىپ يېيىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، مۇقاتىل، يەر ياڭىقىغا ئوخشاش قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تەركىبىدە كۆپ خىل ئانافىلاكتوگېن بولغاچقا، رىياكسىيە قىلىدىغانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سەزگۈرلۈك ئىنكاسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.