دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن، بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتتى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر پائال ئاۋاز قوشتى، ھازىرغىچە، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئوخشىمىغان شەكىلدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
2017-يىلى جۇڭگو كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 59 دۆلەتكە غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرى بويىچە بىۋاستە 14 مىليارد 360 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 61 دۆلەت بىلەن 144 مىليارد 320 مىليون دوللارلىق تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇش توختامى ئىمزالاپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشتى، 855 مىليارد 300 مىليون دوللار تىجارەت سوممىسىنى تاماملاپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشتى.
جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپى ۋە يۇقىرى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان زور ئېھتىياجى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2015-يىلى ئامېرىكا ماللىرى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىش دۆلەت ئىچىدە 910 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بولدى. جۇڭگودىكى زور نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كارخانىلارنى تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى، بارغانسېرى كۆپ تەرەققىي قىلغان دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زور پايدىغا ئېرىشتى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن نۇقتىدىكى «جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ» دېگەن سۆزى دۇنياغا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.