«خۇاچىن» ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي كونترول مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى «خۇاچىن ئاپتوموبىل ئارزۇسى جۇڭخۇا V7 كېچىلىكى» دە يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭخۇا V7 تىپلىق SUV ئاپتوموبىلىنى نامايەن قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، «خۇاچىن» ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي كونترول مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلنى 6-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «خۇاچىن» ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي كونترول مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىن توك قاچىلىغىلى بولىدىغان ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.