يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىمپورت ئېھتىياجى تېز كېڭىيىپ، خەلقئارا سودىنىڭ گۈللىنىشىگە بارغانسېرى تۆھپە قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2011-يىلدىن 2016-يىلغىچە، جۇڭگونىڭ ئىمپورت مال ۋە مۇلازىمەت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ دۇنيا ئىمپورت بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %8.4 تىن %9.7 كە كۆپىيىپ، 1.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن، ئەمما ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامېرىكا، ياۋروپا رايونى ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان گەۋدىنىڭ ئىمپورت ئۈلۈشى 0.4 پىرسەنت پوئېنت چۈشكەن.
2017 -يىلى جۇڭگونىڭ ئىمپورتى داۋاملىق مۇقىم ئېشىپ، دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى يەنىمۇ بىر قەدەم يۇقىرى بولغان. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، جۇڭگونىڭ ئىمپورت (دوللار بويىچە ھېسابلىنىدۇ) ئېشىش سۈرئىتى ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە دۇنيادىن ئايرىم-ئايرىم 10.4، 8.1، 7.6 ۋە 6.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، دەسلەپكى ئۈچ پەسىللىك جۇڭگو ئىمپورتىنىڭ ئېشىشىنىڭ دۇنيا ئىمپورتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %17 بولۇپ، ئىمپورتنىڭ دۇنيا ئۈلۈشىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10.2 تىن يۇقىرى بولغان.
جۇڭگو يەنە دۇنيادىكى مۇھىم بولغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت ، 2017-يىلى جۇڭگونىڭ ئىمپورت قىلغان خام نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، كاناماش قاتارلىق تاۋار مىقدارى رېكورت يېڭىلاپ، ئايرىم-ئايرىم 420 مىليون توننا، 1 مىليارد 75 مىليون توننا، 995 مىليون 540 توننىغا يەتكەن، بۇ بۇلتۇرقىدىن ئايرىم-ئايرىم %5، %10.1، %13.9 ئېشىپ، ئىمپورت ئوتتۇرىچە قىممىتى ئايرىم-ئايرىم %29.6، %28.6، %5 كۆپەيگەن شۇنداقلا مۇھىم بولغان كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارغا نىسبەتەن، خام ئەشيا ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.