تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئىنسانلارنىڭ چاچ رەڭگىگە مۇناسىۋەتلىك گېن بايقالدى

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە «تەبىئەت . ئىرسىيەتشۇناسلىق» ژۇرنىلىنىڭ 4- ئاينىڭ 16-كۈنى توردا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە  ئوخشىمىغان چاچ رەڭگىگە مۇناسىۋەتلىك گېن بايان قىلىنغان. بۇ تەتقىقاتتا ئىنسانلارنىڭ چاچ رەڭگىنىڭ ئىرسىيەت مەنبەسى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن، بۇنىڭ بىلەن DNA ئىسپاتى ئارقىلىق چاچ رەڭگىنى مۆلچەرلەش مۇئەييەن توغرىلىققا ئېرىشكەن بولۇپ، كوللېكتىپ ئىرسىيەت ئىلمى ۋە قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىنسانلارنىڭ، مەسىلەن: تېرىسىنىڭ رەڭگى ۋە چېچىنىڭ رەڭگىنى ئىككى خىل تىپتىكى قارا پىگمېنت كەلتۈرۈپ چىقارغان. چاچنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەگەر چاچ رەڭگى قارا بولسا، بۇ چاچ پوستلاق ماددىسىدىكى  دانچە شەكىللىك قارا پىگمېنت مىقدارىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەكسىچە، ئەگەر قارا پىگمېنت سۇيۇقلۇق ھالىتىدىكى تەقسىملىنىش ئەندىزىسىدە نامايان بولسا، ئۇنداقتا چاچ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئەمما ئالىملارنىڭ قوشكېزەكلەرنىڭ چاچ رەڭگىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تارقىلىشىدا كۈچلۈك ئىرسىيەتلىك ئالاھىدىلىك بولىدىكەن، ئىرسىيەت ئامىلى %97 رەڭ ئۆزگىرىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ قېتىم ئەنگلىيە لوندون پادىشاھ ئىنستىتۇتى قوشكېزەكلەر تەتقىقاتى ۋە ئىرسىي تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىي فاكۇلتېتىنىڭ ئالىملىرى بىلەن گوللاندىيە ئېراسمۇس ئۇنىۋېرسىتېتى روتتېردام تېببىي مەركىزىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى 300 مىڭغا يېقىن ياۋروپالىقنىڭ ئىرسىيەت سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغان، بۇ ئادەملەرنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى قارا، ئالتۇن رەڭ، توق قوڭۇر رەڭ، سۇس قوڭۇر رەڭ ۋە قىزىل رەڭدە ئىكەن. تەتقىقاتچىلار 100 خىلدىن ئارتۇق چاچ رەڭگىنىڭ يېڭى كاندىدات گېنىنى باھالاپ چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن گېنلار تەبىئىي قارا پىگمېنتنىڭ چۆكۈشى ۋە ھاسىل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقات كوللېكتىپى بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك گېن ئارقىلىق يەككە چاچ رەڭگىنى ئۆلچەشنى سىناق قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، قارا ۋە قىزىل رەڭنى مۆلچەرلەشتىكى توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى چىققان، لېكىن ئالتۇن رەڭ ۋە قوڭۇر رەڭنى مۆلچەرلەش بىرقەدەر زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان.

    تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: ئاياللارنىڭ چاچ رەڭگى بىرقەدەر سۇس بولىدۇ، بۇ جىنس بىلەن چاچ رەڭگىنىڭ مەلۇم باغلىنىشىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى