تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بەزى راست گەپلەرنى ئىچىڭىزگە يۇتۇۋېتىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەر-ئايال بىللە تاماق يەۋاتاتتى، ئېرى پاراڭ تېمىسى تېپىش ئۈچۈن ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىپ :-قوش ئېڭەكلىرىڭىز چىقىپ كېتىپتۇ، يەنە توختىماي يەيدىكەنسىز،-دېدى.

    ئايالى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدى.

    -راست دەۋاتىمەن،- ئېرى كۆپ ئويلانمايلا يەنە خاتا سۆزلەپ سالدى.

    -كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ كېتىۋاتامدىم؟ سىلەرنى دېمىسەم مەنمۇ بۇنچە سەمرىپ كەتمەيتتىم.

    -بۇ قانداق لوگىكا بولدى؟ سەمرىپ كېتىشىڭىز بىلەن مېنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىم بار؟

    -مەن بالا تۇغۇپ مۇشۇنداق سەمرىپ كەتتىم.

    -بالا تۇغقىنىڭىزغىمۇ يەتتە-سەككىز يىل بولۇپ قالدى، سىز ھازىر يېڭى تۇغۇپ قوپقان ۋاقىتتىدىكىنمۇ سەمرىپ كەتتىڭىز.

    -چۈنكى سىلەر تامىقىڭلارنى يەپ بولالماي ماڭا يېگۈزىۋەتكەچكە مۇشۇنداق سەمرىپ كەتتىم.

    -باھانە كۆرسەتمەي ئاچكۆزلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ بولدى.

    -مەن نەدە ئاچكۆز، تاماقنى ئىسراپ بولمىسۇن دەيمەن شۇ!

    -ئەمىسە تاماقنى ئاز، ساز ئەتمەمسىز؟ تاماق ئوخشىغان بولسا بىزمۇ ئاشۇرۇپ قويماس بولغىيتتۇق.

    بۇ گەپتىن ئايالنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولدى. ئاچچىقىدا:-مەن ئەتكەن تاماق ئاپىڭىز ئەتكەندىكىدىن كۆپ تەملىك جۇمۇ،-دەۋەتتى. قېيىنئانىسى ئەتكەن تاماق ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى، ئەمما ئۆيدىكىلەر ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئوخشاپتۇ، دەپ يەيتتى.

    بۇنى ئاڭلاپ ئېرىنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى:-ئاپامنى چىشلەپ تارتىپ نېمە قىلىسىز؟

    -يالغانمۇ ئەمىسە! سىز راست گەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن قىلسام بولمامدۇ؟

    «ھەي...» ئاچچىقتىن ئەرنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى.

    ئەرنىڭ سۆزلىرى ئايالنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق ئاغرىتتى. خۇددى ھېچقانداق ئەر ئانىسىنىڭ ئەيىبلىنىشىگە چىداپ تۇرالمىغىنىدەك، ھېچقانداق ئايالمۇ ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى مازاق قىلغان ئادەمگە يول قويالمايدۇ.

    يۇقىرىقى ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىدا چوڭ مەسىلە يوق، ئەمما ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالار كۆپ يۈز بېرىدۇ. كېيىنچە ئۇلار ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئامال تاپتى.

    ئامال شۇكى، ئەر گەپ قىلماقچى بولغاندا، كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان راست گەپنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىدىغان بولدى، ئايالمۇ ئەرنىڭ ئۆيىدىكىلەر توغرۇلۇق گەپ بولغاندا كۆپ سۆزلىمەيدىغان بولدى، ئىككىيلەننىڭ ماجىراسى كۆپىنچە راست گەپ تۈپەيلى يۈز بېرەتتى.

    گەرچە راست گەپ بولسىمۇ، ئەمما قۇلاققا ياقمايدىغان گەپنىڭ ھەممىسى ئارازلىق پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە سەلبىي راست گەپ ئاچچىقتا قىلىنغان گەپتىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل ئاغرىتىدۇ. شۇڭا بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنى ئويلايدىغانلار بەزى راست گەپلەرنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى