تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئېلىمىزنىڭ بۇ يىل 400 مىليارد ‏يۈەندىن ئارتۇق باجنى كېمەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ‏

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو باج ئىشلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ شياۋشيۇڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈچۈن ئومۇمەن باجنى كېمەيتتى ھەم ئىلغار ياسىمىچىلىق، تەتقىقات مۇلازىمەت كەسپىگە مايىللاشتى، بۇ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بۇ بىر يىلدا 400 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنى كېمەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ «27-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە باج تەشۋىقات ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باج ئىشلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى ئەسلەش «ئەسلەش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىز ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگەرگەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىز يەنە قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ %17، %11، %6 لىك باج نىسبىتى ئاساسىدا، باج نىسبىتىنى %16، %10، %6 كە تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوشۇلما قىممەت بېجىنى كىچىك كۆلەمدە تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جابدۇقچىلىق قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق، تەتقىقات قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا ۋە ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىك ۋاقىتتا توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلمىگەن باج سوممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى