تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاچا-سىڭىللىق مۇھەببىتى ئېچىلدۇرغان «ئۈمىد گۈلى»

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەربىر باسقۇچ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم ئۇرغۇپ تاشتى...» يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇاڭخې مەھەللىسىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئاھالە مەدىنە تۇردى مەھەللىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئالدىدا يۈرەك سۆزىنى بايان قىلدى.

  سىڭلىسىنىڭ چىن قەلبىدىن چىققان يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى ۋاڭ خەيپىڭ مەمنۇن بولۇپ كۈلدى. ۋاڭ خەيپىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنى: «قانداق ئىش ئورنى، قەيەردە بولسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىشقا پۈتۈشتۇق» دېدى.

  ئاپتونوم رايون 2016-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئىدى.

  ۋاڭ خەيپىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم مېھمانغا كەلگىنىدە سىڭلىسىنىڭ ئوچۇق-يورۇق مىجەزىنىڭ كەينىگە غەمكىنلىك يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىدى.

  تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، چوڭ ئاچىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئاچىسى بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا دۇكان ئېچىپ كىيىم-كېچەك ساتىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى ئاچىسىنىڭ يېقىندا سۈت بېزى راكىغا گرىپتار بولغانلىقىنى بىلدى.

  «ئىككىنچى ئاچام جورىسىز ئانا، ئۇ بەك بەختسىز، يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەيلا دېدى» مەدىنەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋاڭ خەيپىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالماي كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇ مەدىنەنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، قىيىنچىلىقىڭىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرىمەن» دېدى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش ۋاڭ خەيپىڭ ئامال-چارىلەرنى تېپىپ مەدىنەگە ياردەم قىلدى. توردىكى بىلىم ۋە مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەرنى كۆرگىنىدە مەدىنەگە ئەۋەتىپ بېرىپ، ئۇنى قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئىلھاملاندۇردى؛ سۈت بېزى راكىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ يېڭى تېبابەت ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىسىلا مەدىنەگە ۋاقتىدا ئېيتىپ بەردى.

  ئۇزاق ئۆتمەي مەدىنەنىڭ ئىككىنچى ئاچىسىنىڭ ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ ۋاقىتتا مەدىنە ھاياجانلانغا ھالدا ۋاڭ خەيپىڭنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

  كېيىن يەنە مەدىنەنىڭ چوڭ ئاچىسى ئېغىر كېسەلگە گرىپتار بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. سودىسىنى تاشلاپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئاچىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى بارغان مەدىنە بۇ خەۋەرنى ئاچىسى ۋاڭ خەيپىڭگە ئېيتتى.

  مەدىنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئاچىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئۈچ ئايدا ۋاڭ خەيپىڭنىڭ ئۈندىدار ۋە تېلېفوندا ئەھۋال سورىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى، تەسەللىي بېرىشى مەدىنەنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ بىر كېچىسى مەدىنە ۋاڭ خەيپىڭگە تېلېفون قىلىپ كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى. مەدىنە كۆرۈشۈپلا ۋاڭ خەيپىڭنى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئىككىنچى ئاچامنىڭ سۈت بېزى راكى قايتا قوزغىلىپتۇ، يولدىشىم كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە بىلىكنى سۇندۇرۇۋاپتۇ، ئاچا، كۆڭلۈم بەك يېرىم، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك قىلىمەن» دېدى.

  «بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ئازابلاندىم»، دېدى ۋاڭ خەيپىڭ، «ئادەتتە شۇنچىلىك قەيسەر مەدىنەنىڭ بېسىمى بەك ئېغىرلاپ كەتتى، مېنى ئۆز تۇغقىنى كۆرۈپ نائىلاج قالغاندا ماڭا دەردىنى تۆكتى».

  ۋاڭ خەيپىڭنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا مەدىنەنىڭ ئىككىنچى ئاچىسى كېسەل ئازابىغا قەيسەرلىك بىلەن بەرداشلىق بېرىپ كەلدى.

  ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنەنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىككى يىلدا پۇرسەت تاپسىلا ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ تۇردى.

  يەنە بىر قېتىم ۋاڭ خەيپىڭنىڭ چۇڭچىڭلىق بىر دوستى ئۇنى كۆرگىلى كەلدى، ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنەنىمۇ ئېلىۋالدى. تاماق ئۈستىلىدە ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنەنى ساھىبخان قىلدى، مەدىنە شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى. ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنەنىڭ ئىچكىرىلىك دوستى بىلەن ناھايىتى خۇشال پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولدى.

  قەلىبلەر ئۆزئارا تۇتىشىپ، مېھىر-مۇھەببەت گىرەلەشسە، مۇھەببەت ئۆزئارا سىڭىشسە تۇرمۇشتا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ھاسىل بولىدۇ.

  ۋاڭ خەيپىڭ بىر ئائىلىلىكنىڭ غەمخورلۇقىدىن تەسىرلەنگەن مەدىنە ۋاڭ خەيپىڭ ئەر-ئايالنى كۆپ قېتىم ئۆيىگە تاماققا چاقىردى. بەزىدە ئۆزى ئەتكەن تاماقلارنى ۋاڭ خەيپىڭنىڭ ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بەردى.

  يېقىندا ۋاڭ خەيپىڭ مەدىنەنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇردى. ئۇخلىغاندا مەدىنە بىر قىزىل يوتقاننى ئېلىپ چىقىپ: «بۇ ئانام تويۇمدا ماڭا تىكىپ بەرگەن يۇتقان، ئىشلىتىشكە كۆزۈم قىيماي كەلگەن ئىدى، بۈگۈن سىزگە يېپىپ قوياي!» دېدى.

  شۇ كۈنى كەچتە ئاچا-سىڭىل ئىككىسى تۇرمۇش پاراڭلىرىدىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئورتاق تەرەققىي قىلىشقىچە پاراڭلاشتى، چوڭقۇر پاراڭلىشىش ئىككىسىنى تېخىمۇ يېقىن قىلدى.

  مەدىنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرچىدە ‹ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم ئىزدىشىپ› دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. بۇ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلايدۇ، ھازىر ۋاڭ خەيپىڭنىڭ ياردىمىدە ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتىم. قەلىبداش ئاچا-سىڭىللىق مېھىر-مۇھەببىتى تۇرمۇشىمىزدا <ئۈمىد گۈلى> نى ئېچىلدۇردى، بۇ ئاچا-سىڭىللىق مېھىر-مۇھەببىتىنى قەدىرلەپ، ئاچام بىلەن بىر ئۆمۈر قول تۇتۇشۇپ ماڭىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى