جۇڭگو ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش فوندى كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان خۇسۇسىي فوند باشقۇرغۇچىنى تىزىملاش ۋە خۇسۇسىي فوند مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئايلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگو ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش فوندى كەسپىي جەمئىيىتى تىزىمغا ئالغان خۇسۇسىي فوند باشقۇرغۇچىلار 23 مىڭ 400 ئورۇنغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.31 ئاشقان. ئەنگە ئالدۇرۇلغان خۇسۇسىي فوند 71 مىڭ 40 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.34 ئاشقان. باشقۇرۇش فوندىنىڭ كۆلىمى 12 تىرىليون 40 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.22 ئاشقان. خۇسۇسىي فوند باشقۇرغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 242 مىڭ 600 ئادەم بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 531 ئادەم كۆپەيگەن.
3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان خۇسۇسىي ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش فوندنى باشقۇرغۇچى 8724 ئورۇن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 85ى كۆپەيگەن. خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى، ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش فوندنى باشقۇرغۇچىلار 13 مىڭ 905 ئورۇن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 223 ئورۇن كۆپەيگەن.