تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچەمسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

     ئادەم بەدىنى سۇ ئارقىلىق نورمال بەدەن ئىقتىدارىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا كۈندە سۇ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇ ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك توغرىسىدا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش مەۋجۇت. مەزكۇر ماقالىدە بىز سۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەمدە كۈندە قانچىلىك سۇ ئىچىش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز. سۇ ئىچىش توغرىسىدىكى ئۈچ ھەقىقىي ئەھۋال: بىرىنچى، يېتەرلىك سۇ ئىچىش بەدەندىكى سۇ ماددىسىنى ساقلايدۇ، پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئىككىنچى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئۈچىنچى، ئەگەر بىر ئادەم يوقاتقان سۇ خوراتقان سۇدىن كۆپ بولسا، ئۇ ئادەمدە چوقۇم سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى: ئەگەر كېچىسى سۇسىزلىنىش ياكى سۇسىراش خەۋپى كۆرۈلسە چوقۇم سۇ ئىچىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن كېچىدە سۇ ئىچىشنىڭ بەدەنگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچكەندە ئەكسىچە سىيگەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. سىيگەكلىك كېسىلى دېگىنىمىز، كېچىدە سۈيدۈك چىقىرىش سېزىمى سەۋەبىدىن ئويغىنىپ تەرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئۇخلاۋاتقان چېغىدا، ئادەم بەدىنى تېخىمۇ كۆپ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، سۈيدۈك مىقدارىنى ئازايتىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچمەسلىك كىشىلەرنىڭ كېچىدىكى تەرەت قىلىش ئېھتىياجىنى ئازايتىپلا قالماي، ئويغانماي ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. قايتا-قايتا ئورنىدىن تۇرۇش ئۇيقۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى ئازايتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    كېچىدە سىيىشنىڭ خەۋپى. ئۇيقۇ سىيگەكلىك كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، دىققەت كۈچى ۋە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سېمىزلىك، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. سىيگەكلىك كېسىلى ھەرقانداق ياشتىكى ھەرقانداق كىشىدە يۈز بېرىدۇ، ئەمما ياشانغانلار ئارىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارمۇ سىيگەكلىك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ: ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزى يوغىناش، دوۋسۇن ھەرىكىتى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش، دىيابېت، دوۋسۇن ياللۇغى، يۈرەك كېسىلى، قەۋزىيەت، بەزى دورىلار.

ماتېرىيال سۈرەت

    قانداق قىلغاندا سىيگەكلىك كېسىلىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ سىيگەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كەچقۇرۇن سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىشى، ئادەتتىكى ۋاقىتتىن نەچچە سائەت بۇرۇن ئاخىرقى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنى سىناپ بېقىشى كېرەك. كۈندۈزدە يېتەرلىك سۇ ئىچىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇخلاش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا سۇ مىقدارىنى ئازايتىش ياكى ئىچمەسلىك كېرەك. ئىسپرتلىق ئىچىملىك، چاي، قەھۋە، كاكائو تالقىنى ياكى ئىسسىق شاكىلات، كولا ياكى سودا سۈيى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كوففېئىن ۋە ئىسپرت كىچىك تەرەت ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قەھۋەمۇ ئۇخلاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇدا سىيگەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، باشقا يوشۇرۇن كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۇنداقتا كىشىلەر زادى قانچىلىك سۇ ئىچىشى كېرەك؟ سۇسىزلانغاندا ياكى سۇسىراش ئېھتىماللىقى بولغاندا چوقۇم سۇ ئىچىش كېرەك. سۇسىزلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە: 

    ئۇسساش، ئېغىز، لەۋ، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە كۆز قۇرغاقلىشىش، سۈيدۈك مىقدارى ئازلاپ كېتىش، كۈنلۈك كىچىك تەرەت قېتىم سانى تۆت قېتىمدىن ئاز بولۇش، سۈيدۈك رەڭگى قېنىق ھەم كۈچلۈك پۇرىقى بولۇش.

    تۆۋەندىكىلەر سۇسىزلىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھاۋا ئىسسىق شارائىتتا ياكى قۇياش ئاستىدا ئۇزۇن تۇرۇش، كۈچلۈك جىسمانىي ھەرىكەت ياكى زىيادە تەر پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە،  دىيابېت، ئىچ سۈرۈش ياكى قۇسۇش، ئىسپرتلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، قىزىش. ياۋروپا يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىر ئادەم بەدىنىدىكى %10 تىن يۇقىرى سۇدىن ئايرىلىپ قالسا، ئادەمنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىكەن.

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۇنداقتا كۈندە قانچىلىك سۇ ئىچىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئورتاق تونۇش يوق. ئامېرىكا جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن ئوزۇقلۇق كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇسسىغاندا بەدەن قانچىلىك سۇ ئىچىشكە تەبىئىيلا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لېكىن يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق كومىتېتى ئاياللارغا كۈنىگە 2.7 لېتىر، ئەرلەرگە 3.7 لېتىر سۇ ئىچىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار يېمەك- ئىچمەكتىن ئېرىشكەن سۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇلاردىن قوبۇل قىلىدىغان سۇ كۈنلۈك سۇ مىقدارىنىڭ %20-%19 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    سۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى: سۇ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان ۋە خورىغان سۇنى تولۇقلايدىغان ئەرزان ھەم ئۈنۈملۈك سۇيۇقلۇق. سۇ ساغلاملىققا مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، ئىچىملىك سۇنىڭ يەنە باشقا يوشۇرۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار. مەسىلەن: بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرىدۇ، كەيپىيات ۋە روھىي ئىپادىسىنى ياخشىلايدۇ، باش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىر تۈرلۈك كىچىك تىپتىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغانلار كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىنى 1.5 لېتىر كۆپەيتسە باش ئاغرىقىنى ياخشىلايدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى