تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

كۆنچى دەرياسى بويىدا ھۈپپىدە ئېچىلغان مودەنگۈللەر نەشپۈت يۇرتىغا باشقىچە ھۆسىن قوشتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ياڭ خۇڭۋېي خەۋىرى، فوتوسى: 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا كۆنچى دەرياسى سەيلىگاھىدىكى نەشپۈتزارلىقتا نەشپۈت چېچەكلىرى تېخى توزىماي تۇرۇپ، 20 مىڭ تۈپ مودەنگۈل بەس-بەستە ھۈپپىدە ئېچىلدى. ئوتقاشتەك رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى باھارنىڭ مەيىن شامىلىدا دىماقلارغا يېنىك ئۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى باھار سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئۆزگىچە گۈزەللىك مۇجەسسەملەنگەن مودەنزارلىق، نازۇك نەشپۈت چېچەكلىرى بىلەن گىرەلىشىپ قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ، گۈلگە ئاشىق ھەرىلەرنى ئۆز ئىشقىغا شەيدا قىلىپ،  باھارنىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسى نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى