تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

پەن-تېخنىكا رايونى باغچىغا ئايلاندى

  سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئارال دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا باغچە رايونىدا باھار سەيلىسى قىلىپ، تۈرلۈك گۈل – گىياھ، ئۆسۈملۈكلەرنى تاماشا قىلماقتا.

  ئارال پەن – تېخنىكا باغچە رايونى پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى. باغچە رايونى 2013 – يىلى 3 – ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 341 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 11 كارخانا خېرىدارلىققا چاقىرىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغچە رايونى ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېشىل يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىش سىستېمىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، جابدۇقلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى