تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  شى جىنپىڭ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىشەنچلىك خەۋپسىزلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى قۇرۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ئاساسىي رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان بولساقمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلگىرىلەش يولى ھەمىشە راۋان بولمايدۇ، ئىستىقبال قانچە پارلاق بولغانسېرى، كۈلپەت ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، بەزى زور خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش ۋە ئۇلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىسنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىشتا ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچ ئاساسىنى پۇختىلاشقا ماھىر بولۇش، ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بىخەتەر مۇھىت يارىتىشقا ماھىر بولۇش؛ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، سىياسىي بىخەتەرلىك، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، سىياسىي بىخەتەرلىكنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مىزانى قىلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، شۇنداقلا خەۋپ – خەتەرنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە قوغداش قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئىگىلەپ، تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى يېڭى دەۋرگە، يېڭى تەلەپكە ماسلاشتۇرۇپ، بىر قولدا ھازىرنى تۇتۇپ، بىر قولدا يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بىر تۇتاش يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار فاڭجېن – سىياسەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، تەرەققىياتنى پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ساداقەتمەن، ئىشەنچلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا ‹‹پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لاردىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.