تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لوقمان توختى

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇش، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئىغۋاگەرچىلىككە، قۇترىتىشقا ئۇچرىماسلىق، قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق ھەرىكەتكە قاتناشماسلىق توغرىسىدا ياخشى تەربىيە بېرىپ، ئاڭلىق ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇشىمىز، ھازىرقى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  تەشكىلگە سادىق بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ساداقەتمەنلىك ئەڭ ئېسىل پەزىلەت. پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرغا قويۇلغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ، پارتىيەلىك كادىرلار ھەرقانداق ۋاقىتتا جان – دىلىمىز بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىمىز، تونۇشتا قەتئىي مۈجمەل، پوزىتسىيەدە قەتئىي تۇتۇق بولماسلىقىمىز، ھەرىكەتتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، ساداقەتمەن، مەسئۇلىيەتچان، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىشىمىز ۋە تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك. تۈرلۈك ئالامەتلەردىن قارىغاندا، مەقسەتلىك ۋەقە تۇغدۇرىدىغان زوراۋان – تېررورچىلاردىن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تېخىمۇ ھىيلىگەر، خەتەرلىك، ئۇلارنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاققىچە ۋە تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. مەن مەردانىلىك بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ماڭا مۇناسىۋەتسىز ئىش بىلەن كارىم يوق›› دېگەن ئىدىيەنى قەتئىي تۈگىتىپ، دادىللىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يۈزتۇرا تارتىپ چىقىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، كاللامنى سەگەك، كۆزۈمنى روشەن قىلىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلايمەن.

  دادىل كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يوقىتىشىمىز كېرەك. ھازىر شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە يول يىراق، ۋەزىپە ئېغىر. بىز چوقۇم ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قىلچە بوشاڭلىق قىلماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە تىنغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تولۇق يوقىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي، تەلتۆكۈس يوقىتىشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئۆلچىمى، ئەڭ جىددىي سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھەقىقىي، چىڭ تۇتىمەن.

  مەن باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ياخشى ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىمەن. كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادەم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى