ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى توردا ئېلان قىلغان بىر پارچە ئۆزگىرىش ئىلمىگە ئائىت ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جىنس پەرقى قانچە چوڭ بولسا، جانلىقلار نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. بىر خىل جانلىق تۈرىدىكى بەزى ئەزالاردا ھەمراھىنى جەلپ قىلىش ياكى كۆپىيىش رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىدىغان ئالاھىدىلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، بۇ چىقىش خاراكتېرلىك تاللاشنى ئويلاشقانلىق، ئۇ بەلكىم بىر خىل تۈر ئىچىدىكى ئىككى جىنىستا بەدەن جەھەتتىكى روشەن پەرقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يەنى «ئەركەك-چىشىنىڭ شەكلى پەرقلىق» بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەمما، ئۇنىڭ تۈرلەرنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى تا-بۈگۈنگە قەدەر تالاش-تارتىش پەيدا قىلماقتا. بەزى تەتقىقاتلاردا دېيىلىشىچە، جىنس تاللاش ئارقىلىق ئۈنۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ يوقىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن جىنس خاس ئالاھىدىلىكى يوقىلىش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن. لېكىن، بۇ ئىككىلا تەتقىقاتتا چەكلىمىلىك مەۋجۇت، چۈنكى ئۇلار ئەمەلىي تۈرلەرنى ئەمەس، بەلكى پەقەت ھازىرقى جانلىقىلار تۈرىنىڭ يوقىلىش خەۋپ-خەتىرى كۆرسەتكۈچىنىلا نەزەرگە ئالغان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا شىمىسىن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىمى جېن خۇنت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نەزەرىنى بۇنىڭدىن 4 مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولۇپ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان قاسراقلىق قۇرتنىڭ تاشقاتمىسىنى خاتىرىلەشكە قاراتقان.
قاسراقلىق قۇرت يەنە ئۇرۇقلۇق راك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى «ئەركەك-چىشىسىنىڭ شەكىل پەرقى» دە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى پەرق مەۋجۇت. تەتقىقات كوللېكتىپى مىسسىسىپىنىڭ شەرقىدىكى كېيىنكى بور دەۋرى (تەخمىنەن 66 مىليون يىل ئىلگىرىدىن 84 مىليون ئىلگىرىگىچە)گە تەۋە 93 خىل قاسراقلىق قۇرتنى تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە «ئەركەك-چىشىسىنىڭ شەكىل پەرقى» كۆرۈنەرلىك بولغان جانلىقلارنىڭ يوقىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، ئەڭ يۇقىرى پەرقى ئەڭ كىچىك جانلىقنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
شۇڭا، كۆپىيىشى كۆپرەك بولغان ئەركەك قاسراق قۇرتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ باشقا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى مەنبەسى ئاز بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئائىت قوشۇمچە خەۋەر ۋە كۆز قاراش توغرىسىدىكى ماقالىلەردە شىۋېيتسارىيە سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر باشقا ھايۋانلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىنىش بولسا، ئۇنداقتا خەتەرلىك تۈرلەرنى قوغداشتا كەسكىن جىنس تاللاشنى ئويلىشىش كېرەك.