تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«تۇغقىنىم بىلەن بىرلىكتە مۇنبەت يەرگە ئۈمىد ئۇرۇقى سالدىم»

مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرى تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە ئورەك كولاپ كۆچەت تىكمەكتە.

  ئۆز خەۋىرىمىز. ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى «كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى» بويىچە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى مىچۇەن-كۆكتاغ رايونى نېفىت-خىمىيە زاۋۇتى 18-رايون مەيدانىغا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە سەككىز مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 300دىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللىدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆچەت تىكىپ، مۇنبەت يەرگە ئۈمىد ئۇرۇقى سالدى.

  بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئاھالە جاڭ يىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ئورمانچىلىق، باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى كەسپىي خادىم بىلەن بىرلىكتە ئۆلچەملىك كۆچەت ئورىكى كولىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىمۇ كۆچەت ئورەك كولاپ باققان ئىدىم، ئەمما تۇغقىنىم بىلەن بىللە ئورەك كولاپ مېۋە كۆچىتىنى تىكىپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم، «كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى» ئاممىنى بىللە ئەمگەك قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۆز قولۇم بىلەن يۇرت-ماكاننى گۈزەللەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشقانلىقىمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن.

  ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى نېفىت-خىمىيە زاۋۇتى كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى سۇ رۇڭ ئورەك كولىغاچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ 2-قېتىم كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم، بۇ قېتىم تۇغقىنىم ئەنۋەر ھوشۇر بىلەن بىللە كۆچەت تىكتىم، بىز بىرلىكتە «ئىتتىپاقلىق كۆچىتى»نى تىكتۇق، ھەمدە كۆچەتكە ئىككىمىزنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختىنى ئېسىپ قويدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىمىز چىقسىلا بۇ جايغا كېلىپ كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىمىز، بالىلىرىمىزغىمۇ چوڭ بولغاندا بىز تىكىپ بەرپا قىلغان بۇ يېشىللىقنى پەرۋىش قىلىشىنى ئېيتىمىز.

 مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرى تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە ئورەك كولاپ كۆچەت تىكمەكتە.

  ئەنۋەر ھوشۇر بىلەن سۇ رۇڭ ئىككىسى ئورەك كولاشتىن باشقا، يەنە كۆچەتلەرنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆگىنىۋالدى، ئىككىيلەن كۆچەتلەرنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن دائىم دېگۈدەك كېلىپ كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىشقا ۋەدىلەشتى.

  ئەنۋەر ھوشۇر مۇنداق دېدى: مەن دائىم دېگۈدەك كېلىپ يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىپ تۇرىمەن، ئىشىك ئالدىمىز يېشىللىققا ئايلانسا ئەڭ مەنپەئەتلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى 15 يېزا-بازار، كوچا بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا پات يېقىندا تارقىتىلىغان 205 مىڭ تۈپ كۆچەتكە ئورۇن تاللاش، ئورەك كولاش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى 10 چوڭ ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى بولغان «كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئەتىيازلىق باسقۇچى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش، يېشىل ماكان بەرپا قىلىش، ئائىلىلەرگە گۈل-گىياھ تەقدىم قىلىش ۋە مېۋە دەرەخلىرىنى ئائىلىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت تۆت پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرى تۇغقىنى بىلەن بىللە ئورەك كولاپ كۆچەت تىكمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى