شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغان بولۇپ، دەسلەپكى ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 19 تىرىليون 878 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شىڭ جىخۇڭ شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىق داۋامىدا ياخشى تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، سۈپەت، ئۈنۈم ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ياخشى باشلىنىش بولدى.