شىنخۇا تورى خەۋىرى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق تەتقىقات ئاپپاراتى جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقىسى تەتقىقات يۇرتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 27 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) دە ئىگىلىگەن نىسبىتى %32.9 كە يەتكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 171 مىليونغا يېتىپ، شۇ يىلى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %22.1 ىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم يولغا ئايلانغان.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى ئاساسلىقى ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، ئۇچۇر ئالاقە كەسپى قىسىمى بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، تېلېگراف كەسپى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ بىرلەشمە قىسىمى، يەنى ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ قوللىنىشچان رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
رايونلار تارقىلىشى جەھەتتە، شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى ئالدىنقى ئالتە ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئايرىم-ئايرىم گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، جېجياڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ.
دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ سىياسەت جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىشى، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش قاتارلىق ئامىللار بىرلىكتە ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى ھازىر ئېلىمىزنىڭ رەقەم ئىقتىسادى يەنىلا رەقەملەشتۈرۈش ئاساسى ئاجىز بولۇش، سۇپا ئارقىلىق تىرەش يېتەرلىك بولماسلىق، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.