تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۈرۈمچىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى

بالىلار قول تۇتۇشۇپ چەمبىرەك يۈرۈشتۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. (تاڭ شياۋپىڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ يامالىق تېغى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تېشى مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن مەھەللە كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلاردىن بولۇپ 60تىن ئارتۇق كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئەتىيازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك خۇشال كەيپىياتتا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئارغامچا تارتىشىش، قول تۇتۇشۇپ چەمبىرەك يۈرۈشتۈرۈش، توپ كۆتۈرۈپ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش، ئارغامچا تاقلاش قاتارلىق قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئىتتىپاقلىق مېھرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى