ماتېرىيال سۈرەت
ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بېلىق مېيى تولۇقلىغاندا بالىنىڭ ئۆگىنىشگە پايدىلىق بولۇپ، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئىكەن. بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان 29 تۈرلۈك سېلىشتۇرما تەجرىبىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسى ۋە ئومىگا 6 ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق ياغ كىسلاتاسى تولۇقلاش دورىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. دىققەت يېتىشسىزلىكىدىن كۆپ ھەرىكەت قىلىش توسالغۇسى بار بالىلار ھەمدە مەكتەپتىكى ئىپادىسى ناچار بالىلار كۆرۈنەرلىك نەپكە ئېرىشكەن.
تەتقىقاتچىلار «ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دېگەن: ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ %60 ى ياغ، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان ياغ تۈرى ۋە مىقدارى چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ پەرەز لوگىكىغا ئۇيغۇن. ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ئەنگلىيە بالىلار ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى ئېما دېربىشى ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەھلىل نەتىجىمىزدە ئېنىق كۆرسىتىلدى، بالىلار ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسى بىلەن ئومىگا 6 ياغ كىسلاتاسىىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بۇلار ئۇلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارى، ھەرىكىتى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە كۆرۈنەرلىك ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ».
ماتېرىيال سۈرەت