تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە مول مەزمۇنلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا 4-ئاينىڭ 8-كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئەخلاق دەرسخانىسىدا ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار ئېسىلىپ، بۇنى باش تېما قىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى، ھەر مىللەت يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىك كەسىپكارلىرىدىن 240 تىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا سۆزلەشتى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت «ئوخشاش بىر يۈرەك، ئوخشاش بىر يىلتىز» ناملىق شېئىر دېكلاماتسىيەسى بىلەن باشلاندى. شېئىردا ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ گۈزەل ئۇچتۇرپان قۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جاريانىدا ئۆزئارا ياردەملەشكەنلىكىدىن ئىبارەت دەۋر يېڭى قىياپىتى كۈيلەندى. «ئىتتىپاقلىق-كۈچ» ناملىق ناخشىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەندى، تاماشىبىنلار ناخشىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئەگىشىپ ئېيتىشتى. بۇ ئاشخانا ناخشىچىسىنىڭ شوخ ناخشىسى پائالىيەتكە قاتناشقان يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىك كەسىپكارلىرىنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈردى.

  پائالىيەت مەيدانىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن باشقا، شار دەسسەش، ئورۇندۇق تالىشىش، تەپكۈچ تېپىش، چەمبىرەك چۆرگىلىتىش قاتارلىق مول مەزمونلۇق قىزىقارلىق ئويۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، تۇغقانلار تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يەككە تىجارەتچى ئانارگۈل ئوسمان: «بۈگۈن تۇغقىنىم بىلەن شۇنداق خۇشال ئوينىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن» دېدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى