تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئادەمسىز تېز يوللانما ماشىنا ئادىمى نەنجىڭدا نامايان بولدى

‎    خەلق تورى خەۋىرى. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 16- كۈنى سۇنىڭ ئەشيا ئوبوروتى نەنجىڭ شەھىرى خېشى بىڭجياڭ 1-نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىدا ئادەمسىز تېز يوللانما ماشىنا ئادىمىنى رەسمىي ئىشلەتكەن، بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئائىلىلەرگىچە پوسۇلكا ئاپىرىپ بېرىدىغان ماشىنا ئادەم، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي ئىچى ۋە ئۆي سىرتىدىكى چەكسىز ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان تۇنجى ئادەمسىز تېز يوللانما ماشىنا ئادىمى. بۇ ماشىنا ئادەمنى ئادەم كونترول قىلمىسىمۇ ئۆزى مەنزىلنى تېپىپ بارالايدۇ، پىيادىلەر ۋە ئاپتوموبىللارغا يول بېرىدۇ، ئۆزى لىفىتقا چىقالايدۇ، ئىشىك چېكەلەيدۇ. بۇ ئوماق ماشىنا ئادەمنىڭ ئىسمى «ۋولۇڭ 1-نومۇر» بولۇپ، ئالتە چاقلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، 30 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 60 كىلومېترغا يېتىدۇ، يانتۇلۇققا چىقىش ئېگىزلىكى 35 گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئۇدا سەككىز سائەت ماڭالايدۇ، ئورۇن بېكىتىش ئېنىقلىق دەرىجىسى 3-1 سانتىمېتىر بولۇپ، يېپىق رايونلارغا 24 سائەت ئادەمسىز يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى