تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىدا بەزى ئىجابىي، ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلە تېخى تۈپتىن ھەل بولمىدى. مەن بۇلتۇر داۋوستا كۆرسەتكەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئارقىدا قېلىش، دۇنيا تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈپ زىددىيەت يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. يېقىندىن بۇيان، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش پىكىر ئېقىمى ۋە قورۇقچىلىق كەيپىياتى ئەۋج ئېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى خەۋپ – خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. 4 – قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىس مەۋجۇت. ھازىر دۇنيادا مەسىلە ۋە خىرىس شۇنچە كۆپ، خىرىسلارغا يەنىلا باراۋەر كېڭىشىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تارىخ شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، بېكىنمىچىلىك ئاخىرىدا تۇيۇق يولغىلا باشلايدۇ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ھەمكارلاشقاندىلا، يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە مۇھىم ھەم ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تەڭ پايدا ئېلىپ، دۇنياغا پارلاق، مۇقىم، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاخىرلاشقان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا، مەن جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلىرىنى جاكارلىدىم. بىز چوقۇم دېگىنىمىزنى قىلىمىز، قىلغان ئىشىمىزدا چوقۇم نەتىجە قازىنىمىز، چۈنكى بۇ بىزنىڭ جۇڭگو خەلقىگە، دۇنيا خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى ئاساسەن تەڭ دېيىشكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئورتاق تىرىشىپ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىزدەپ، دۇنيا خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  شىۋاب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا سۆزلىگەن ئېسىل نۇتقى ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. سىزنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىڭىز پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتىپ، كەڭ ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. سىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتىڭىز. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قورۇقچىلىققا ۋە بىر ياقلىمىلىققا قارشى تۇرىدۇ. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 40 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاش، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشنى خالايدۇ.

  ياڭ جيېچى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.