تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

   مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يولداش ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشقا كۈچەش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 1 – ، 2 – تومىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاڭلىق تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئېتىقادنى چىڭىتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە خىزمەتنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسى، ئاساسىي قانۇن، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ مول مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، كۆز قاراش، ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كۈچەش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى تىرىشىپ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ، يوللىرى راۋان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى قەتئىي ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تىرىشىپ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تونۇشنى، قەلبلەرنى، ئەقىل – پاراسەتنى، كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە كۆز قارىشى، سالمىقى، قىممىتى بار پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىش كېرەك؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى