تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىدۇ، بىر جايدىمۇ بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتى نامايان بولىدۇ.

  ‹‹ئەگەر خەينەن ئارىلى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ››. خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەننى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو سۈپىتى، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان چىرايلىق ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان مۇھىم تاپشۇرۇق خەينەندىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشتەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ غەيرىتىگە ئىلھام بەردى.

  ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قەدەم. 1984 – يىلىلا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ شېنجېن، جۇخەي، شيامېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ‹‹بىز يەنە خەينەن ئارىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، ئەگەر خەينەن ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرالىساق، ئۇ ئىنتايىن زور غەلىبە بولىدۇ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خەينەن ئارىلى بىلەن تەيۋەننىڭ يەر كۆلىمى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، خەينەن بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلاردىكى غايەت زور ئۆزگىرىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، كىشىلەرگە زامانىۋىلىشىشنىڭ يولى بىرلا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت توغرا يۆنىلىشنى تېپىپ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندىلا، ھەممە يول بىلەن نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىشتا تەرەققىيات چىڭ قائىدە. يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 5 مىليارد 728 مىليون يۈەن بولغان چېگرا رايوندىكى بىر ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 446 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان خەلقئارا ساياھەت ئارىلىغا ئايلانغان خەينەننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تارىخىي يۈكسىلىشكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، خەينەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››دە بېكىتىلگەن نىشانغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىشتا خەلق مەركەز ۋە سۇبيېكت. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك، قايتا – قايتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەردىن تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى تېپىپ چىققاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تاپالايمىز. خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرەلەيمىز.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىشتا ئەمەلىي ئىشلەش مۇقەررەر يول. بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش، دادىل باشلامچى بولۇش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تاغ – داۋانلاردىن ئېشىشتەك بېسىم تۇيغۇسى، باتۇرانە ئالغا بېسىشتەك بۇرچ تۇيغۇسى، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ، مەنمۇ قىلالايمەن، دېگەن ئىشەنچ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولۇش ئىرادىسىگە تايىنىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئۆزگىرىش ياسىغاندا، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يېڭىلىق ياراتقاندا، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى بەلگە خادىسىغا ئايلىنالايمىز.

  ‹‹يول مەيلى يىراق، مەيلى يېقىن بولسۇن، ماڭمىساق مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ››، بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى داۋامىدا ئىشقا ئاشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەنگە قويغان تەلىپى ۋە ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى ئوخشاشلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىغا قويغان تەلىپى ۋە ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش مەنتىقىسى بويىچە ئىلگىرىلىگەندە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلغاندا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى جەزمەن ئۇتۇق قازىنىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى