تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، سۆزدە جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلگەن، 40 يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلەنگەن، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە مۇھىم تەدبىرى تەنتەنىلىك جاكارلىنىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا قايتا ئاتلىنىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى پەللىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  بىرىنچى، دىققەتنى داۋاملىق باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان ئىگىلىك تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتە يېڭى ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى بەرپا قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش››نى تۇتقا قىلىپ، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىق، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان تەكشۈرۈش، باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى››تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، كان بايلىقى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىلا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش››تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاغ – دەريالىرى گۈزەل بولۇش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ ماركىسىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەملەپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلىشى، ئومۇمىيەتنى پىلانلىشى، سىياسەت بەلگىلىشىگە، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىشى، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يولدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.