تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

قۇلاق تەشكۈزگەندىن كېيىن قۇلاق ئىششىپ كەتسە قانداق قېلىش كېرەك؟

    قۇلاق تەشكۈزگەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە، يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى. ئەگەر ياخشى ئەسلىگە كېلەلمىسە، قۇلاق ئىششىپ، ياللۇغلىنىپ قالىدۇ ھەتتا يىرىڭداپ كېتىدۇ. تۆۋەندە قۇلاق تەشكۈزگەندىن كېيىن قانداق ئاسراش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىمىز.
    بىرىنچى: قۇلاق تەشكۈزگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ھەپتىدە تەشكۈزگەن ئورۇننىڭ ئەتراپىغا دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىدىغان ئىسپىرتنى كۈنىگە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم سۈرۈپ بېرىش كېرەك.
    ئىككىنچى: دورىخانىدىن ئېرىترومىتسىن (红霉素) قاتارلىق ياللۇغنى قايتۇرىدىغان مەلھەم دورىنى سېتىۋېلىپ، پىلتىكۈچ بىلەن دورىنى قۇلاقنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىغا كۈنىگە ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن سۈرۈپ بېرىش كېرەك.
    ئۈچىنچى: قۇلاق تۆشۈكىگە سالىدىغان پاتۇرما ھالقىنى ئىسپىرتقا چىلاپ دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن تاقاش كېرەك.

    تۆتىنچى: قۇلاق تەشكۈزۈپ بىرىنچى ھەپتىسىدە قۇلاققا سۇ تەگكۈزمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ يۇيۇنغاندا ياكى باش يۇيغاندا قۇلاققا سۇ تېگىپ كېتىشىن ساقلىنىش كېرەك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر يارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئاچچىق ۋە بەدەننى غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
    بەشىنچى: پاتۇرما ھالقىنى تاللىغاندا دېزىنفېكسىيەلەشكە قولايلىق بولغان ھالقىلارنى تاللاپ تاقاش كېرەك. ئەلۋەتتە، يەرلىك ئۇسۇل بويىچە چاينىڭ شامىسىنى سېلىۋالسا دېزىنفېكسىيەلەشكە ئاسان بولىدۇ.
    ئالتىنچى: سوغۇق سۇ ياكى مۇز پارچىسىنى قۇلاققا يېقىش ئارقىلىق ئىششىقنى ياندۇرۇشقا بولىدۇ.
    يەتتىنچى: قۇلاقنى تەشكۈزگەندىن كېيىن مىكروب تارقىلىپ، قۇلاق تۆشۈكىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلەر ئۆرلەپ، قىچىشىدۇ. بۇ بەلكىم قۇلاق تەشكۈزگەندىن كېيىن قۇلاق تۆشۈكىنى پاكىز تازىلىمىغانلىقتىن، مىكروبلار ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە تەكرار ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىغا بېرىپ يارا ئېغىزىنى تازىلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى