تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 64 كوچىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىلقى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەشچان، ئىسسىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى تۈركۈمدە 64 كوچىدا قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئورۇنلار ئارقا-ئارقىدىن ئىمارەتلەرنىڭ سىرتقى تىك كۆرۈنۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ رەتكە سېلىش، كۆكەرتىش، كېچىدە يورۇتۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتتى.

  تۇنجى تۈركۈمدە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان 64 كوچا ئىچىدە تىيانشان رايونىدا 18ى، سايباغ رايونىدا 10ى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دا 14ى، بۇلاقتاغ رايونىدا 14ى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا 8ى بار.

  گۇچۇڭ يولى سايباغ رايونىدىكى بۇ يىل تۇنجى قۇرۇلۇش باشلانغان يول، ھازىر قانۇنغا خىلاپ 2500 كىۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش چېقىۋېتىلدى، توك سىمىنى يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 1100 مېتىر يەر كولاندى.

  ئۈرۈمچى شىنخۇيلۇڭ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ ئانەن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھازىر سايباغ رايونىدىكى توققۇز كوچىنىڭ ئاجىز توكنى ئوڭشاش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل، تەلەپكە بىنائەن 5-ئاينىڭ بېشىدىلا قۇرۇلۇشنى تاماملاپ بولىمىز.

  پىلانغا ئاساسەن، شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنلى مۇنداق دېدى: رايون، ناھىيەلەر قۇرۇلۇش سۈپىتى بىلەن سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن ئىلگىرى بىرىنچى تۈركۈمدە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بارلىق كوچىلارنىڭ توك سىمىنى يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، تىك يۈزىنى ئۆزگەرتىش، كۆكەرتىش، يورۇتۇش ۋە شەھەر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، يېڭىلاش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 50 كوچىدا ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەشچان، ئىسسىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، توك سىملىرىنى يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاش، كۆكەرتىش، يورۇتۇش، ئىمارەتلەرنىڭ سىرتقى تىك يۈزىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتە چۆرىدىلىپ، 75 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كابېل يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن، 1700 كورپۇستىن ئارتۇق ئىمارەتنىڭ سىرتقى يۈزى ئۆزگەرتىلگەن، 749 كورپۇس بىنا گۈزەللەشتۈرۈلگەن، 433 كورپۇس بىناغا ئىسسىق ساقلاش قەۋىتى ئورنىتىلغان، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى، پىيادىلەر يولىغا گۈللۈك خىشتىن 850 مىڭ كىۋادرات مېتىر يېيىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى