تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىزدە 20 مىليون گېكتار دۆلەت زاپاس ئورمىنى بىنا قىلىنىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىدارە يېقىندا «دۆلەت زاپاس ئورمىنى بىنا قىلىش يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)» نى تارقاتقان. «يىرىك پىلان» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2020-يىلىغىچە 7 مىليون گېكتار دۆلەت زاپاس ئورمىنى بىنا قىلىش پىلانلىنىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت زاپاس ئورمانلىرى داۋاملىق ئايرىلىدۇ، دۆلەت زاپاس ئورمىنىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ. 2035-يىلىغىچە 20 مىليون گېكتار دۆلەت زاپاس ئورمىنى بەرپا قىلىنىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە زاپاس مىقدارى 200 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرۇلۇپ، يەرلىكتىكى ئاز ئۇچرايدىغان دەرەخ تۈرلىرى ۋە چوڭ دېئامېتىرلىق ياغاچ ماتېرىيالى زاپاس مىقدارى 63 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى ماتېرىياللاردا  ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
    دۆلەت زاپاس ئورمىنى دېگەندە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تەبىئىي شارائىتى يار بەرگەن رايونلاردا تۈجۈپىلەپ سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش، ھازىر بار بولغان ئورماننى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ۋە تولۇقلاپ تىكىش، ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۆستۈرۈلگەن ۋە بەرپا قىلىنغان سانائەت خام ماتېرىياللىرى ئورمىنى، يەرلىك دەرەخ تۈرى، ئاز ئۇچرايدىغان دەرەخ تۈرى ۋە چوڭ دېئامېتىرلىق ياغاچ ماتېرىيالى ئورمىنى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ئورمان كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دۆلەت زاپاس ئورمىنى بەرپا قىلىش ــــ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتىن ئىبارەت ئىلمىي ئىدىيەنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، ئورمانچىلىق كەسپى بويىچە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقۇسى، ئورمان سۈپىتىنى دەل جايىدا يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش شۇنداقلا ئورمانچىلىق كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى