تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چايچىلىقتىن نەپكە ئېرىشكەن تۇڭمۇ كەنتى

4-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان تۇڭمۇ كەنتىنىڭ بىر بۇرجىكى

    شىنخۇا تورى خەۋىر: فۇجيەننىڭ ۋۇيىشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ يادرولۇق ئورنىغا توغرا كەلگەن توڭمۇ كەنتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىرغا يېقىن بولۇپ، بۇ يەردە جىلغىلار بىر-بىرىگە گىرەلەشكەن، ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما جايلاشقان ئورنى ئالاھىدە بولغاچقا، «تاغدا ياشاپ تاغقا تايىنىش» تىن ئىبارەت بۇ قائىدىگە چۈشمىگەن.

    يېقىنقى يىللادىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى  ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»نى بەرپا قىلىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، ئۇششاق ئۇرۇقلۇق قىزىل چاي ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چاي ئىشلەپچىقىرىشىنى شۇ جاينىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئۆزگىچە كەسپى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئاچتى.

    بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن جياڭ يۈەنشۈن توڭمۇ كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان چايكار، شۇنداقلا جىڭشەن ئۇششاق ئۇرۇقلۇق قىزىل چاينىڭ 24-ئەۋلاد ۋارىسى. ئۇ تۇڭمۇ كەنتىدە چايچىلىقنىڭ گۈللىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش تارىخىغا گۇۋاھ بولغان. ئۇنىڭ چايچىلىق كارخانىسى «شىركەت+دېھقانلار ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، كەنتتكى نۇرغۇن كىشىنى چاي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلدى، سىرتقا  ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەتكەن نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. تۇڭمۇ كەنتىدىكى 430 ئائىلىلىك 1906 ئادەمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چايچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 2017-يىلى چايچىلىق كەسپىگە تايانغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ 810 يۈەنگە يەتتى.

    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چايكار جياڭ يۈەنشۈن ۋەكىللىكىدىكى بېيىش باشلامچىلىرى ئەنئەنىۋى كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە يېڭىلىق ياراتقان يۇقىرى قىممەتلىك مەھسۇلات «جىنجۈنمېي » چېيىنى ياساشتىكى يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ چايچىلىق كارخانىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە چاي رايونىدىكى چايكارلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، نامرات تاغلىق رايوننىڭ چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە چايكارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى