تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

كۇچا ناھىيەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى پۇختا ئېلىپ بېرىلماقتا


4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاھالىلەر ئوچا بازارلىق شىپاخانىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈتمەكتە.

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئەلرايى قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، «ئاساسىي داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن ھەممە كىشىنى بەھرىمەن قىلىش»  نىشانى ئاساسىدا  شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتنىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى  ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغاندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ناھىيە بويىچە 18 مىڭ 258 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى  ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئاخىرلىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA دا چېمپىيون بولدى
  • ئۈرۈمچىدىكى بالىلار دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
  • پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا داغدام قەدەم ئېلىپ ماڭماقتا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى