تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىللىق تيەنجىن-خوتەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى 7-ئايدا تۇنجى قاتنايدۇ ‏

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 2018-يىللىق «تيەنجىن يەرمەنكىسى»ـــــ تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنجىن-خوتەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى بۇلتۇر ئۈچ قېتىم ئوڭۇشلۇق قاتنىغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە تيەنجىن-خوتەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى پىلان بويىچە تۆت قېتىم قاتنايدىكەن، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇنجى قاتنايدىكەن.

  تيەنجىن ياشلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تيەنجىن-خوتەن ساياھەت مەخسۇس پويىزنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن ۋىلايىتىنى يەنىمۇ چۈشىنىشتىن باشقا، ساياھەتچىلەرنىڭ يەنە سىرلىق كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى، 1-چارۋىچىلىق فېرمىسىنى زىيارەت قىلىشى تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ئوخشاشمىغان مەنزىرىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىللىق مۇساپىدە يەنە ئۈرۈمچى بۇغدا كۆلىنى ساياھەت قىلىش كۆپەيتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى پۈتۈن مۇساپىنى پويىزدا تاماملاشقا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل «ئايروپىلان+پويىز» گۇرۇپپىسى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 15 كۈنلۈك مۇساپە توققۇز كۈنگە قىسقارتىلىدىكەن. ساياھەتچىلەر ئايروپىلان بىلەن تيەنجىندىن يولغا چىقىپ، خوتەندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتسا، ياكى تيەنجىندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، خوتەندىن ئايروپىلان بىلەن قايتسا بولىدىكەن. كونكرېت يۈرۈش ۋاقتى تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: تيەنجىن-خوتەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى تيەنجىن، خوتەندىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك. بۇ يىل تيەنجىن-خوتەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئىككى جاي ئارىسىدا ساياھەت سۇپىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، تيەنجىندىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خوتەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى