تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شەھەر ئىستېمالى گېزىتى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا چىققان شەرقىي جەنۇب شامىلى ئۈرۈمچىدە تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 13 كىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃21.9 يەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئوچۇق ھاۋا بەك ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا يەنە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جەنۇب شامىلى چىققاندىن كېيىن، بۈگۈن ۋە ئەتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بەك تېز تۆۋەنلىمەيدىكەن. ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتقا قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃14 بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدىكەن. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تېمپېراتۇرا سەل-پەل تۆۋەنلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8 بولىدىكەن. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى (چارشەنبە) ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ياغقان يامغۇر ئارىلاش قاردەك قاتتىق ياغمايدىكەن. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا سەل-پەل تۆۋەنلەيدىكەن. كېيىنچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كەلمىسىلا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى