تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بورتالا شەھىرىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ خوجايىنى 100 دىن ئارتۇق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىغا زىياپەت بەردى

  ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ ديې خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەركىن ئۆيىدىن دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا بارغۇچە يولدىكىلەر بىلەن سالاملىشىپ ماڭدى. ئەركىن مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى مېنى تونۇيدۇ، مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى كۆپچىلىكنى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىمغا تەكلىپ قىلغان ئىدىم».

  ئەركىن بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى كوركىنجو كەنتىدىكى بىر دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ خوجايىنى. 4-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە ئۇ بورتالا شەھەر رايونىدىكى 100 دىن ئارتۇق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىنى تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇ: «ئەسلى 200 دىن ئارتۇق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان ئىدىم، لېكىن خىزمەت سەۋەبىدىن يېرىمىلا كېلەلىدى».

  ئەركىن ئۈچ يىل ئىلگىرى «1-ماي» سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىدا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچقاندىن تارتىپ، ھەر يىلى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى ئارامگاھىدا مېھمان قىلىپ كەلگەن ئىدى.

  ئەركىن: «بوران چىقسۇن، قار ياكى يامغۇر ياغسۇن، ئەڭ جاپا تارتىدىغىنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، مەن ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل، چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، شۇڭا ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئويلىدىم» دېدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەركىننىڭ سودىسى يامان ئەمەس بولۇپ، يىلدا 60 مىڭ يۈەندەك كىرىم قىلاتتى. ئەركىن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزمەكچى بولدى. ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ ئۆز ئۆيى ئەتراپىدىكى 20-30 تەك مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى، بۇ يىل مىننەتدارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزۈشنى ئويلىدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەردىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا تەكلىپ قىلدى.

  4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتتىگەندىلا ئەركىن ئاشپەز بىلەن بىللە بازاردىن كۆكتات سېتىۋالدى. بىر ۋاق تاماققا پولودىن باشقا چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسىغا كېتىدىغان ماتېرىياللار ۋە مېۋە-چېۋىلەرگە 2800 يۈەن خەجلىدى. ئەركىن يەنە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا ئۈچ سەنئەت نومۇرى تەييارلىدى. ئۇ: «ئېلېكتىرونلۇق رويال، ئاككوردىيون چېلىشنى بىلىمەن، شۇڭا كۆپچىلىككە بىرقانچە نومۇر ئورۇنلاپ، كۆڭلىنى ئېچىپ قويماقچى بولدۇم» دېدى.

  ئەركىننىڭ مېھىر-شەپقەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كەنتتىكى يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك بۇيۇملار سودىسى قىلىدىغان بىرقانچە ئاھالىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا ھال سوراش بۇيۇملىرى تەييارلىدى.

  شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى ليۇ گوخۇا مۇنداق دېدى: «ئەركىن ئاكىمىزنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلغىنى، مېھرىبان زاتلار سوۋغا قىلغان ھال سوراش بۇيۇملىرى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. بىر ۋاق تاماق، بىر لۆڭگە، بىر قۇتا كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى... ماڭا ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، ئەركىن ئاكامغا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مېھرىبان زاتلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن شەھىرىمىزنى تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ، كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى