تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر كۆپ ئوسۇرىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر دائىم سېسىق ئوسۇرىدۇ؟

    ئوسۇرۇش ئادەم بەدىنىدىكى نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە، ئەمما بەزى كىشىلەر كۆپ ئوسۇرىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر دائىم سېسىق ئوسۇرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ خىل فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ ھەمدە بەدەندە بۇنچىلىك پەرق بولۇش نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ئوسۇرۇش ۋە سېسىق ئوسۇرۇشنىڭ سەۋەبى بار، بەزىدە كۆپ ۋە سېسىق ئوسۇرۇش كېسەللىكنىڭ بىر خىل ئالامىتى.
    تۆۋەندە ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوسۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز. جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتستى سۈنيىشيەن خاتىرە دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئاشقازان، ئۈچەي مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ تاۋ «گۇاڭجۇ كەچلىك گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئادەم ھەر خىل يېمەكلىك بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن، يېمەكلىكنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈچەي بوشلۇقىدىكى يېمەكلىك تەركىبى ئۈچەيدىكى زەمبۇرۇغ توپى بىلەن ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ، كاربون (IV) ئوكسىد، ھىدروگېن گازى ۋە مېتان قاتارلىق گازلارنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ قانۇنىيەتلىك لۆمۈلدىشىنىڭ تۈرتكىسىدە توغرا ئۈچەيگە بېرىپ، مەقئەت يولىدىن بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، بۇ دەل ئوسۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
    ئوسۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشۈنۈپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندە نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ كۆپ ئوسۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز. كۆپ ئوسۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل:
    بىرىنچى: قورساقنى ئاسان كۆپتۈرىدىغان يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش. خۇالوڭ تورىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، پۇرچاق «قورساقنى ئەڭ كۆپتۈرىدىغان يېمەكلىك» ھېسابلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغىنى بەدەنگە سۈمۈرۈلمەيدىغان قەنت (تۆۋەن پولىمېرلىق قەنت).  بۇ تۈردىكى قەنتلەر ئۈچەيگە كىرگەندە، باكتېرىيەلەر «خىزمەت» قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل قىلىدۇ. قورساقنى كۆپتۈرىدىغان يېمەكلىكلەردىن يەنە چېچەكسەي (گۈل كاپۇستا، گۈلكەرەم)، باش پىياز، يېسسىۋېلەك، سۇلۇ يارمىسى، بولكا، پۇرچاق، پىۋا، جۇڭگو گۈل كاپۇستىسى (كاللەك ئوتياش)،  توڭ ئالما، تۇخۇم، ئاپېلسىن، پەمىدۇر (شوخلا)، بۆلجۈرگەن، سۈت، قۇرۇق ئۈزۈم (يىمىش) قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار.
    ئىككىنچى: جىددىي خاراكتېرلىك چوڭ ئۈچەي كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كىلىنكىدا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل بىمارلارنىڭ تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشى، بىرلا ۋاقىتتا زىيادە تويۇپ غىزالانماسلىقى، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    يەنە بەزى كىشىلەر كۆپ ئوسۇرغاندىن سىرت، يەنە دائىم سېسىق ئوسۇرىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سېسىق ئوسۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبى بار ئىكەن:  
    بىرىنچى: لاكتوزىغا چىدامسىز بولۇش. قىسمەن كىشىلەر سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، لاكتوزا كىچىك ئۈچەيدىن ئۆتۈۋاتقاندا ھەزىم قىلىنماي، بىۋاسىتە بوغماق ئۈچەيگە بارىدۇ. نەچچە تىرىليون ئاشقازان، ئۈچەي باكتېرىيەسى لاكتوزا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سېسىق ئوسۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قومۇش شېكىرى، مېۋە شېكىرى (فىرۇكتوزا) قاتارلىقلارغا نىسبەتەن چىدامسىز كىشىلەرمۇ بۇ خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلسا ئاسان سېسىق ئوسۇرىدۇ.
    ئىككىنچى: شېكەر ئالكوگولى ئىستېمال قىلىش. شېكەر ئالكوگولى ئورۇقلىتىش ئىچىملىكىدە، شېكەرسىز كەمپۈتتە، سېغىزدا بولىدۇ. بۇنداق تاتلىق تەم دورىسى بەدەنگە پۈتۈنلەي سۈمۈرۈلمىگەچكە، بوغماق ئۈچەيگە يۆتكىلىپ سېسق پۇراق ھاسىل قىلىدۇ.
    ئۈچىنچى: قەۋزىيەت. بەزى كىشىلەر تۆۋەن يېمەكلىك تالاسىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، چوڭ تەرەتنىڭ بوغماق ئۈچەيدە تۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، كۆپ مىقداردا سېسىق پۇراق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر سېسىق ئوسۇرۇشقا قىزىتىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، تەرىتى قان ئارىلاش كېلىش، داۋاملىق ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كۆرۈلسە ئۈچەي توسۇلۇش، ياللۇغ تىپىدىكى ئۈچەي كېسىلى، قورساق بوشلۇقى كېسىلى، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى