تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كورلا-نارات-چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

ماتېرىيال سۈرەت

    مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 13:55 ئۆتكەندە لۇڭبادى CRJ-900 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان  كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچتى، بۇنىڭ بىلەن «كورلا-نارات-چۆچەك» ئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان رەسمىي قاتناپ، بۇ ئۈچ جاي ئارىسىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان يوق بولۇشتەك بوشلۇققا خاتىمە بېرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن كورلا شەھەر ئاھالىلىرى نارات سەيلىگاھىغا بېرىش ئۈچۈن پەقەت 70 مىنۇتلا ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يولۇچىلار كورلىدىن ناراتقا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشتا يەتتە سائەت سەرپ قىلىپ كەلگەن، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئىككى جاي ئارىسىدا ئايروپىلانلىق قاتناپ پەقەت 70 مىنۇتلا سەرپ قىلىدىكەن. يولۇچىلار كورلىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ چۆچەككە بېرىشتا 12 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەلگەن، ھازىر بۇ ئىككى جاي ئارىسىدا ئايروپىلانلىق قاتنىغاندا پەقەت ئۈچ سائەت بەش مىنۇت سەرپ بولىدىكەن. بۇ لىنىيەلەرنىڭ ئېچىلىشى خەلق ئاممىسىنى سەپەرگە چىقىشتا قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «كورلا-نارات-چۆچەك» ئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە خۇاشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە لۇڭبادى CRJ-900 تىپلىق ئايروپىلان قاتنايدىكەن، G52927/28- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەپتىنىڭ يەتتىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى: بېرىش مۇساپىسىدە G52927-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13:55 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:05 ئۆتكەندە نارات ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 15:55 ئۆتكەندە نارات ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:00دە چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە G52928 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17:40 ئۆتكەندە چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 18:50 ئۆتكەندە نارات ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 19:30 ئۆتكەندە نارات ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:35 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى