تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارنى بالدۇر تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    يېقىندا ئامېرىكىدا «بالىلارنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلەشتىكى مەخپىيەتلىك» دېگەن ئەسەر نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ تىتولىغا «ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى مەزگىل ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى بالدۇر تەربىيەلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغان، بۇ جۈملە بىزگە بۇ مەزگىلدىكى تەربىيە بالىلارنىڭ كېلەچىكىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى مەكتەپتىكى مۇئەللىمى ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسىدۇر. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە 6-0 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، بۇ مەزگىلى دەل بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە بالىلارنى ئۆگىنىشكە زورلىماسلىق، ئۇلارنى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن چوڭ قىلىش تەشەببۇس قىلىناتتى. مۇھىت ۋە ئائىلە تەربىيەسى بالىلارغا مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىلاتتى. بىراق، يېقىنقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بۇ خىل قاراشنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلاندى.

ماتېرىيال سۈرەت

    «ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى مەزگىل بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئۇل سالىدىغان ئەڭ مۇھىم مەزگىل» بولۇپ، بەدەن ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولغانغا ئوخشاش، مەنىۋى ئوزۇق كەم بولسا بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بالىلارنى ئەقلىي غىدىقلىنىش بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاندا بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل غىدىقلىنىشنى قوبۇل قىلغان بالىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، شوخ، تېتىك چوڭ بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ئويناش بىلەن ئۆتىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئەقلىي تەربىيە بەرگەندە ھەرگىزمۇ مۇنتىزىم ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق لازىم. ئۆگىنىشنى ئويۇن ئاساسىدا  ئېلىپ بېرىش كېرەك. بالىلار تۇغۇلىشىدىنلا ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ. بۇ بالىلاردا ئۆگىنىش ئىستىكىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بالىلار تىلى چىقىشى بىلەن تەڭ دائىم «ئانا ئۇ نېمە؟»، «بۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشى، ھەرگىزمۇ زېرىكىش ھېس قىلماسلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئىگە قىلىشى لازىم.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارغا خەت تونۇتماقچى ياكى رەقەملەرنى ئۆگەتمەكچى بولغاندا، بالىلارنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ماس كېلىدىغان ئويۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەتكەندە بالىلار ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ ھەم ئۆگىنىشكە تېخىمۇ قىزىقىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى