تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

چوڭ مېڭىنىڭ كۈن-تۈن رىتىمىدا سەھەردىكى كۆرۈش سەزگۈسى كۈچلۈك بولىدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە «تەبىئەت . ئالاقە» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ سەزگۈ پوستلاق قەۋىتىدىكى ئۇخلاش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆرۈش سېزىمىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    كۈن-تۈن رىتىمى بىزگە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، يەنى ئاتالمىش «بەدەن سائىتى». بەدەن سائىتى بىر كۈن ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىمىزگە ئىنتايىن توغرا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ كۈندىلىك فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەت قىلىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى ئىزچىل سىر بولۇپ تۇرماقتا. گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۈن-تۈن رىتىمىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك جەريانغا بولغان تەسىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك كۆرۈش سېزىمى ۋاقىت-بوشلۇق نۇقتىسى ئۆزگىرىشىدىكى نېرۋا ئاساسى ئىزچىل ئېنىق بولماي كەلگەن.

    بۇ تەتقىقاتتا گېرمانىيە گيوتې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كلۇسدىڭ كېرنىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇدا ئىككى كۈن ئالتە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت-بوشلۇق نۇقتىسى (ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 11 غىچە بولغان ئارىلىق) دا 16 ئەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سايىلەندۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئاتالمىش ئۇيقۇ ھالەتتىكى سانلىق مەلۇماتىنى يىغىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندىكى فۇنكسىيەلىك ماگنىت رېزونانسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش سانلىق مەلۇماتىنىمۇ يىغقان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەتىگەن سائەت 8 بىلەن كەچ سائەت 8 گىچە سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى ۋەزىپىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان، چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىت-بوشلۇق نۇقتىسىدا  كۆرۈش سەزگۈسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مېڭە رايونىنىڭ ئۇيقۇ پائالىيىتى نىسبەتەن ئاجىز بولىدىكەن. يەنە دېمەكچى بولغىنىمىز، سەھەر ۋە گۇگۇم ۋاقتىدا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئۇيقۇ پائالىيىتى نىسبەتەن ئاجىز بولىدىكەن، ئەمما كۆرۈش سېزىمى كۈچىيىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئادەم مېڭىسىنىڭ تەبىئىي پائالىيىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۇنىڭ سەھەر ۋە گۇگۇمدىكى كۆرۈش ئۇچۇرى سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تولۇقلاش ئۈچۈن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى