تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا بۇ يىل ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنىدىن 30 ى بەرپا قىلىنىدۇ

خېرىدارلار «ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» بولۇپ باھالانغان خاۋجى خام تۇخۇم ئاشخانىسىدا ناشتا قىلماقتا

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنىدىن 30 ى بەرپا قىلىنىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئاقىدىن ئىش باشلىدى.
    4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تەيشەن كوچىسىغا جايلاشقان خاۋجى خام تۇخۇم پوشكىلى (郝记生煎) دۇكىنى مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ دۇكان ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تىجارەت باشلىغان «ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» نىڭ بىرى. دۇكان خوجايىنى جىن خوڭۋېينىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى كۆپ بولغاندا 500 دىن كۆپرەك مانتا ساتالايدىكەن، «ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، سېتىش مىقدارى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.
    بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى «قولايلىق، پاكىز، قۇۋۋەتلىك، ساغلام» ناشتىلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېمەك-ئىچمەكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. دۇكاننىڭ قىياپىتى، كۆلىمى، يېمەك-ئىچمەككە ئالاقىدار ئىجازەتنامىسى، دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسى، ئاشخانا تازىلىقى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كېرەكسىز سۇ بىر تەرەپ قىلىشى، دۇكان خادىملىرىنىڭ كىيىنىشى، سەي تۈرلىرى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭشىلىشى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تۈرلەر بويىچە باھالاپ، دەسلەپكى تۈركۈمدە «ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» دىن 13 نى باھالاپ چىققان.
    تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ پائالىيەت ئاھالىلەرنىڭ، ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن.
    ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېمەك-ئىچمەكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر بىر «ناشتىلىق تاماقتا ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى» يېرىم يىلغا يېقىن باھالاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئاشخانا خوجايىنلىرىنى سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساھەلەر بويىچە نازارەت قىلىپ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى بىخەتەر، ساغلام ناشتىلىق بىلەن تەمىنلىگەن.
    ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاساسىي ئوزۇقلۇقنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىش مەركىزى، مەركىزى ئاشخانا قۇرۇلۇشى، يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، بىرلەشمە قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەرەققىيات مۇقىم بولغان ناشتا زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن 300 نى، توشۇش شەكىلدىكى خەلققە قولايلىق ناشتا مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 700 نى، كۆچمە ناشتىلىق ھارۋىسىدىن 500 نى، ھەر خىل ناشتىلىق مۇلازىمەت تور نۇقتىسىدىن جەمئىي 1500 دىن ئارتۇقنى بەرپا قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى