شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى « تىيانشان مۇكاپاتى»نى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى باش شىركىتى شىنجاڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى، شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 31 كارخانا ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېبېي يولىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنى ئۇزارتىش يېڭى قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزى سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق 42 قۇرۇلۇشقا 2017-يىللىق شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى « تىيانشان مۇكاپاتى» (ئاپتونوم رايونلۇق ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش) بېرىش جەزملەشتۈرۈلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى « تىيانشان مۇكاپاتى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش سۈپىتى جەھەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك مۇكاپات بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدۇ. 2017-يىللىق تۈر ئىلتىماس قىلىشتا قۇرۇلۇش تۈرلىرى چوقۇم دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچىمى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئۈسكۈنە قاتارلىق قاتتىق شەرتلەردىن پائال پايدىلىنىش يېڭىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى دەۋردىكى ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېڭىلىققا، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان كەسىپ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتۇر.