تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەر، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ياشاش ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدىن زور ئىلھام ئالدى ۋە چەكسىز ھاياجانلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرىمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايمىز

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جىڭسۇڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى 59 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، 8187 ئائىلىدىكى 34 مىڭ 976 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى، چېگرا قوغدىغۇچىلىقىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى، ئېكولوگىيە تۆلىمى بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەيدۇ»، بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت، بىر لايىھە قوللىنىپ، نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ماھارىتى ۋە شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا، نامراتلارنىڭ ئاغرىق سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ سىياسەتتىن ئايرىلماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا چېتىۋالماسلىق»، «يۆلەش سىياسىتى ئۆزگەرمەسلىك، تەدبىر سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق» تەلىپىگە ئاساسەن، 2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنى داۋاملىق يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فېڭ جۈنشياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇلتۇر قەشقەر ۋىلايىتى 31 مىڭ ئائىلىدىكى 127 مىڭ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 114 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈپلا قالماي، يەنە «نامراتلارنى يۆلەشتە بىرىمۇ كەم قالماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» نىشانىغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىدى. قەشقەر ۋىلايىتى باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلاندى.

  گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىپ، يۇرت- ماكانىمىزنى بەختلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ باقالىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى غۇلامجان ساتغالىنىڭ كاللىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «يول خەرىتىسى» ئېنىق سىزىلىپ بولغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى ئېكولوگىيە جەھەتتە يۆلەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش» تېكەس ناھىيەسى چىلئۆزەك بازىرى باقالىق كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتا. بىز گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يېشىل تېغى، سۈزۈك سۈيى، سەھرا مەنزىرىسى، يەرلىك مەدەنىيىتى قاتارلىق بايلىقلىرىغا تايىنىپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئىستىراھەت ساياھىتى كەنتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 2- ، 3- كەسىپنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيمىز.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى تالدى بازىرى يار ئوتكەل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى كەنجىبېك داقان بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى قىلىشنى، 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ چارۋىچىلىق ئەترىتىگە تۆت كىلومېتىر شېغىل يول ياساشنى، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يول چىرىغى ئورنىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ نامرات كەنت قالپىقىنى ئۈزۈل- كېسىل چۆرۈپ تاشلاش مېنىڭ 2018- يىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.

  بۇرچىن ناھىيەسى ئېگىزتۆپە يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ يۈنسەي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەر قاقاسلىق ئىدى، ئىككى يىل كەڭ كۆلەمدە جىغان تېرىۋېدۇق، قاقاسلىق «ئالتۇن»غا، يېشىللىققا ئايلىنىپ، يېزا مۇھىتى گۈزەللىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە جىغان كەسپى تەرەققىي قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باقمىچىلىق، پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرىمىز. يېشىل باقمىچىلىق، سەھرا ساياھىتى، يېشىل ئورگانىك يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم كىرىمگە، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرىمىز

  خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ قىرغۇت يېزىسى خارخات كەنتى دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىر ئېگىز، ئوتلاق كۆلىمى 460 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 51 مىڭ 903 مو كېلىدۇ، مەدەنىيەت، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىنتايىن مول، مانا مۇشۇنداق تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل جاي قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاچالماي، تەرەققىياتتا ئىزچىل ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىققا تايىنىپ كەلگەن. خېجىڭ ناھىيەسى قىرغۇت يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بىرلەشتۈرۈپ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېڭى دەۋردىكى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يولىنى تېپىپ چىقىش بۇ يىلقى نۇقتىلىق تېما. بۇ يىل كەنتىمىزنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىگە تايىنىپ سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىنى «ئاۋۇل ئارامگاھى» ئېچىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمىز. چارۋىچىلارنى تىجارەت ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، كۆڭۈل ئېچىش، بايرام قاتارلىق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ساياھەتچىلىكنىڭ «غىزالىنىش، قونۇش، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىمىز، شۇنداقلا نادام بايرىمى، مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل، مىللىي تەنتەربىيە، مىللىي بايرام، مىللىي ئۆرپ- ئادەت بىر گەۋدە قىلىنغان مەدەنىيەت ساياھەت تۈرىنى پائال ئاچىمىز.

  تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى نيې جاۋيۈ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە «تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ» نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پائال ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز؛ ھەر خىل ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى پائال تەشكىللەپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ كارخانىلاردا، يېقىن ئەتراپتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىلىرىدا، باقمىچىلىق بازىلىرىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز؛ ئاممىنى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئۆزى تاللاپ، يەرلىكتىكى بايلىققا بىرلەشتۈرۈپ باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمىز.

  (مۇخبىرلىرىمىز چېن چېن، خەن چىنيەن، گەي يوۋجۈن، شيا چىڭ، جاڭ تىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەن يەن، كوۋ جۈنفېڭ، ۋۇ چيۇڭ، لى لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى