تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدى

ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭتەي مەھەللە كومىتېتىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    ئۆز خەۋىرىمىز: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيە كۈنى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا «دۆلەت بايرىقى چىقىرىمەن، مەن جۇڭگو پۇقراسى» تېمىسىدا قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» تەشۋىق قىلىندى.
    دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى خەلقنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش
    4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونى 7-توقۇمىچىلىق فابرىكىسى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شيۇچۈەن مەھەللە كومىتېتى مەيدانى ئالدىدا مەھەللە كادىرلىرى، ئاھالىلەر شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ شيۇچۈەن مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياڭراق دۆلەت شېئىرىغا جۆر بولۇپ، ھەيۋەتلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
    ئۆز نۆۋىتىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى يېكەنكۆل شىمالى يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ساي مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ساي مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقاردى ھەمدە «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيە كۈنى» تېمىسىدا ئاھالىلەرگە تەشۋىقات ئېلىپ باردى.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى يېكەنكۆل شىمالى يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ساي مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ساي مەھەللە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى لى تيەنگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، ئاممىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە ئاساسىي تەلەپلىرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بويىچە مەخپىيەتلىك ساقلاش ئېڭى،  تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قەتئىي ھىمايىچىلىرى بولۇش ئىرادىسى كۈچەيدى.

يوپۇغا ناھىيەسى سىيەك يېزىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۈچ قوشۇش
    شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەھەللە كومىتېتلىرىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى كۈنى تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
    شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى تۆگىچى يېزىسى قۇمباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىسىنى تەشكىللەپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋە ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەمدە كەنت ئاھالىسىنى ئىمزا قويۇشقا تەشكىللىدى.
    شۇ كۈنى قاراماي شەھەرلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ قاراماي رايونى شياۋگەي يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيە كۈنى تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
    قاراماي شەھەرلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ قاراماي رايونى شياۋگەي يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىسى ۋاڭ گوخۇا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»،«جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئومۇملاشتۇردى.
    ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى غالەمبېك قىزىرقان دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق ھىمايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى