تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   تاغدىن-باغدىن

ياپونىيەلىك ئېنژېنېر بالىلىقىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماشىنا ئادەم ياسىدى

  يەر شارى تورى خەۋىرى: ياپونىيەلىك ئىنژېنېر نابۇ ماساكى بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھەيدىگىلى بولىدىغان گىگانت ماشىنا ئادەمدىن بىرنى ياساپ چىققان.

  بۇ «LW-سامۇراي» ناملىق ماشىنا ئادەمنىڭ ئېگىزلىكى 8.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 7 توننا كېلىدىكەن، كۆكرەك قىسىمى كابىنكا بولۇپ، ئىچىدە ئېكران ۋە قول-پۇتىنى كونترول قىلىدىغان مەشغۇلات دەستىسى بار ئىكەن، بۇ ماشىنا ئادەم بىرقەدەر مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىكەن، مەسىلەن: بارماق ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئۈستۈنكى بەدەننى ئايلاندۇرۇش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىش، دېگەندەك. ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، بىر سائەتتىكى يۆتكىلىش ئارىلىقى 1000 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇنىڭ ئوڭ بېلىكىگە تانكىغا قارشى گىراناميوتقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەل مىلتىق ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بولۇت توپ ئېتىلىدىكەن.

  نابۇ ماساكى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ياپونىيە ماشىنىسازلىق ياساش كارخانىسى «ساكاكىبارا» ماشىنىسازلىق ياساش شىركىتىدە بۇ ماشىنا ئادەمنى ياساپ پۈتتۈرگەن. ئۇ رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھەيدەشكە بولىدىغان ماشىنا ئادەملەر ئىچىدە بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، «LW- سامۇراي» نىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى بەك چوڭ، ھەتتا زاۋۇت ئىشىكىدىنمۇ ئېگىز بولغاچقا، زاۋۇت ئىچىدىن ئېلىپ چىقىش مۇمكىن بولمىدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى