تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت كوچىسى قۇرۇلىدۇ

    مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئۈرۈمچىنىڭ بىر ساياھەت كارتىنىسى. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا بازار رايونى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقچى، ئۇنداقتا، بۇ قۇرۇلۇش قايسى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ تۆت ئايغا يېقىن داۋاملىشىدىغان قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، چوڭ بازار قانداق قىياپەتتە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ؟ مۇخبىر بۈگۈن تىيانشان رايونلۇق بازار رايونى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ پىيفېڭنى زىيارەت قىلدى.

     شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى بازار رايونى قۇرۇلۇشى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى ئاساسىي مەركەز قىلىپ، ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارنى چوڭ بازار قۇرۇلۇشى رەڭگى ئاساسىدا تەڭشەپ پۈتۈن بىر مۇكەممەل كوچىغا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. شۈ پىيفېڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بىز ھازىر 11 كورپۇسنىڭ گەۋدە قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ بولدۇق، ئىككى كورپۇس قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى تىك كۆرۈنۈش يۈزىنى چېقىش تاماملاندى. ھازىر قۇرۇلۇش سىرلاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، قۇرۇلۇشلارنىڭ رەڭ لايىھەسى خىش رەڭگىدە بولۇپ، چوڭ بازارنىڭ ھازىرقى رەڭگىگە ئوخشايدۇ، بۇ ئارقىلىق بىز چوڭ بازارنى مەركەز قىلغان ئالاھىدە كوچا رايونىنى شەكىللەندۈرىمىز.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئۆزگىچە كوچىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇرۇلۇشتا جەنۇبىي تىنچلىق يولىنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى يول بۆلىكى پىيادىلەر كوچىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، بوغدا يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ T  شەكىللىك،  ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر كېلىدىغان مەنزىرىلىك پىيادىلەر كوچىسى بەرپا قىلىنىدىكەن. شۈ پىيفېڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بۇ كوچىنىڭ دائىرىسى چوڭ بازارنى مەركەز قىلغان ئاساستا شەرقتە ئالتۇن-كۆمۈش يولى، جەنۇبتا ئىتتىپاق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، غەربتە جەنۇبىي ئازادلىق يولىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى ئىمارەت، شىمالدا بۇلاقبېشى يولى ۋەتەنپەرۋەرلىك كوچىسىغىچە تۇتىشىدۇ. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ دائىرىسى ئاساسلىقى ئىتتىپاق يولى كۆۋرۈكىدىن بۇغدا يولىغىچە بولىدۇ. 5-6-ئايدا پىيادىلەر كوچىسىغا خىش ياتقۇزۇش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، يەريۈزىدىكى خىش بولسا مەرمەر تاش بولۇپ، پىيادىلەر كوچىسى رايونىلا ئەمەس بەلكى باشقا پىيادىلەر يولى بۆلەكلىرىگىمۇ مەمەرتاش ماتېريالى ياتقۇزۇلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، پۈتكۈل قۇرۇلۇش 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا تاماملىنىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل كوچىدا مىللىي خاسلىققا ئىگە ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىپ، بوتكا شەكىللىك دۇكانلار تەسىس قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش، نەرسە سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى