تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قىزىل ھايمانتۇس قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    قەۋزىيەت نۇرغۇن ئادەمنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان باش قېتىنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. بانان يېيىشمۇ قارىماققا قەۋزىيەتكە ئانچە كار قىلىپ كەتمەيدۇ، ھەسەل سۈيى ئېچىش ھەممە ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ. بىز بۈگۈن ھەم يېيىشلىك، ھەم قەۋزىيەتنى ياخشىلايدىغان مېۋە ھايمانتۇس ھەققىدە توختىلىمىز.

    قىزىل ھايمانتۇس تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن مول، ھەر 100 گىرام ھايمانتۇس تەركىبىدە 1.9 گىرام  تالا بار، بىر قېتىمدا 500-400 گىرام ئەتراپىدىكى بىر ھايمانتۇس يېگەندە 10-8 گىرامغا يېقىن يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. يېمەكلىك تالاسى تەرەت مىقدارىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا دەلىللىنىشىچە، ئەگەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك تالاسى 12 گىرامغا يەتسە تەرەت مىقدارى 100 گىرامدىن ئاز بولىدىكەن، يېمەكلىك تالاسىنىڭ ئېچىتىش ئىقتىدارى بولسا تەرەتنىڭ كۆپۈشىنى تېزلىتىپ، تەرەت مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئادەتتە تەرەت مىقدارى 200-160 گىرام بولسا نورمال بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن قەۋزىيەت بىمارلىرى تەرەتنىڭ پاكىز چىقمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان، بۇ ئۈچەي لۆمۈلدىشىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېمەكلىك تالاسى ئۈچەيدە ئېچىغان ۋاقىتتا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە ھىدروگېن گازى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قىزىل ھايمانتۇسنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ ئۇرۇقى كۆپ، بۇ ئۇرۇقلار ئاساسىي جەھەتتىن ئاشقازان-ئۈچەيدە ھەزىم بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۈچەي يولىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك تالاسىنى ئېچىتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۇنداقتا قىزىل ھايمانتۇسنى قانچىلىك يېيىش كېرەك؟ كۈنىگە 300-200 گىرامغىچە، يەنى بىر تال كىچىكرەك ھايمانتۇس يەپ بەرگەندە بەدەنگە كۈندە بەش گىرام ئەتراپىدا يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بەزىلەر قىزىل ھايمانتۇسنى يېگەندىن كېيىن تەرىتىنىڭ قىزىل رەڭدە بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەزىم قىلىشتىن مەسىلە كۆرۈلدىمۇ، دەپ ئەنسىرەپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، قىزىل ھايمانتۇس تەركىبىدە تەبىئىي قىزىل ماددىسى بار، ئەگەر ئادەم بەدىنى ئۇنى پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىپ بولالمىغاندا بۇ خىل ماددا قىزىل ھالەتتە سۈيدۈك ۋە تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بەدەندە مەسىلە كۆرۈلگەنلىك بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى