
تىيانشان رايونى سۈيچۈەن يولى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شەرقىي شوربۇلاق مەھەللە كومىتېتىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كۈنى»دىكى يۈرۈشلۈك قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا شەرقىي شوربۇلاق مەھەللە كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كۈنى . دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى ئاڭلىق قوغدايلى» دەپ يېزىلغان پىلاكاتقا ئىمزا قويۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى ئاڭلىق قوغداشقا ۋەدە بەرمەكتە.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ـــ 3-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مەھەللە كومىتېتلىرى لېكسىيە سۆزلەش، كۆرگەزمە قىلىش، تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
(جاڭ لىمىن فوتوسى)